تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى «داۋوس قارالمىسى» سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم ئالاھىدە سۆز قىلدى

دەۋر تېمىسىنى ھەل قىلىشتا جەزمەن كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى تەكىتلىدى

1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا سىن شەكلىدە دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى «داۋوس قارالمىسى» سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم ئالاھىدە سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى كەچتە بېيجىڭدا سىن شەكلىدە دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى «داۋوس قارالمىسى» سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «كۆپ تەرەپچىللىك مەشئىلى ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتايلى» دېگەن تېمىدا ئالاھىدە سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ دەۋر دۇچ كەلگەن تېمىنى ياخشى ھەل قىلىشنىڭ چىقىش يولى كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش. 21 - ئەسىردىكى كۆپ تەرەپچىللىكتە توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ھەم كۆپ تەرەپچىللىكنىڭ يادرولۇق قىممىتى ۋە ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەم مەۋقەنى دۇنيا ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قويۇپ، يەر شارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئېھتىياجىنى كۆزلەش كېرەك. ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، خەلقئارا قائىدىنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، كېڭىشىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگو داۋاملىق خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەيدۇ!

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن يەر شارىدا يامرىدى، يەر شارىۋى ئاممىۋى سەھىيە ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كەلدى، دۇنيا ئىقتىسادى ئېغىر دەرىجىدە چېكىنىشكە پېتىپ قالدى، ئىنسانلار تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان نۇرغۇن ئېغىر كىرىزىسنى باشتىن كەچۈردى. ھازىر، يۇقۇم تېخى ئاياغلاشمىدى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ، لېكىن بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، قەھرىتان قىش باھارنىڭ قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ، قاراڭغۇ كېچە سەھەردىكى تاڭ نۇرىنى توسۇيالمايدۇ. ئىنسانلار چوقۇم يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئاپەتكە قارشى كۈرەشتە ئۆسۈپ يېتىلىپ ئالغا بېسىپ، ئوتتا تاۋلىنىپ، قايتا ھاياتلىققا ئېرىشەلەيدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز بۇ دەۋر دۇچ كەلگەن تۆت چوڭ تېمىنى ياخشى ھەل قىلىشىمىز كېرەك:

بىرىنچى، ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تەڭپۇڭ، سىغدۇرۇشچان ئېشىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەم ھازىرقى ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتى جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بالدۇرراق كىرىزىسنىڭ كۆلەڭگىسىدىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، تېخىمۇ مۇھىمى كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ يۆتكىلىشى، شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشى، قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭشىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئۇزاققىچە ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىش يولىغا سېلىش كېرەك.

ئىككىنچى، ئىدېئولوگىيەدىكى بىر تەرەپلىمە قاراشنى چۆرۈپ تاشلاپ، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش يولىدا ئورتاق مېڭىش كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈمىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار، يۇقىرى - تۆۋەنلىك، ياخشى - ناچارلىق پەرقى يوق، ئاچقۇچ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان - كەلمەيدىغانلىقى، خەلقنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشەلەيدىغان - ئېرىشەلمەيدىغانلىقى، سىياسىي مۇقىملىق، جەمئىيەت تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىغا ياخشىلىنىش ئېلىپ كېلەلەيدىغان - كېلەلمەيدىغانلىقى، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشالايدىغان - قوشالمايدىغانلىقىدا. كۆپ خىللىق بولمىسا، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى بولمايدۇ. پەرق قورقۇنچلۇق ئەمەس، قورقۇنچلۇقى ھاكاۋۇرلۇق، بىر تەرەپلىمە قاراش، ئۆچمەنلىك، قورقۇنچلۇقى ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنى دەرىجىگە ئايرىش، قورقۇنچلۇقى ئۆزىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە جەمئىيەت تۈزۈمىنى باشقىلارغا مەجبۇرلاپ تېڭىش. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشى كېرەك.

ئۈچىنچى، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىدىكى ھاڭنى يېڭىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تەرەققىي قىلسا پۈتكۈل دۇنيانىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى تېخىمۇ پۇختا ئاساسقا ئىگە بولىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى زۆرۈر مەدەت بىلەن تەمىنلەپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەققانىي تەرەققىيات ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ھوقۇق باراۋەرلىكى، پۇرسەت باراۋەرلىكى، قائىدە باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنى تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىشى كېرەك.

تۆتىنچى، قول تۇتۇشۇپ يەر شارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش كېرەك. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا ئوخشاش تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى ھەرگىزمۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئەمەس، يەر شارىۋى ئاممىۋى سەھىيە ئىدارە قىلىشنى جىددىي كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنى زورايتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك. ئىنسانلار دۇچ كەلگەن بارلىق يەر شارىۋى مەسىلىلەردە، جەزمەن يەر شارىۋى ھەرىكەت، يەر شارىۋى تاقابىل تۇرۇش، يەر شارىۋى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۇنيادىكى مەسىلىلەر چىگىش، مۇرەككەپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چىقىش يولى كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش.

− ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بېكىنمىچىلىك قىلماسلىق، باشقىلارنى يەكلىمەسلىك كېرەك. كۆپ تەرەپچىللىكنىڭ مۇھىم مەزمۇنى خەلقئارادىكى ئىشلارنى كۆپچىلىك ئورتاق مەسلىھەتلىشىپ بېجىرىش، دۇنيانىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق ئىگىلەشتىن ئىبارەت. خەلقئارادا «گۇرۇھۋازلىق»، «يېڭى سوغۇق ئۇرۇش» بىلەن شۇغۇللانسا، باشقىلارنى چەتكە قاقسا، تەھدىت سالسا، قورقۇتسا، ھە دېسىلا ئالاقىنى ئۈزسە، تەمىناتنى ئۈزۈۋەتسە، جازالىسا، ئۆزئارا ئايرىمىچىلىق، ھەتتا ئۈزۈكچىلىكنى قەستەن پەيدا قىلسا، بۇ پەقەت دۇنيانى بۆلگۈنچىلىك، ھەتتا قارشىلىشىشقا ئىتتىرىدۇ. پارچىلانغان دۇنيا ئىنسانلار دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرالمايدۇ، تىركىشىش ئىنسانلارنى تۇيۇق يولغا باشلايدۇ. تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى چىڭ ساقلاپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش كېرەك.

− خەلقئارا قائىدىنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويماسلىق كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق ھاسىل قىلغان قائىدە ۋە ئورتاق تونۇش بويىچە ئىدارە قىلىش، بىر ياكى بىر قانچە دۆلەت بۇيرۇقۋازلىق قىلماسلىقى كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان دۆلەت بىلەن دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي مىزانى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداش، كۆپ تەرەپلىك ئاپپاراتلارنىڭ نوپۇزلۇقلۇقى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىنى قوغداش كېرەك. تۈزۈم ۋە قائىدە ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، كۈچىگە تايىنىپ ئاجىزلارنى بوزەك قىلىشقا قارشى تۇرۇش، كۆپ تەرەپچىللىك نامى بىلەن بىر تەرەپچىللىكنى يولغا قويماسلىق كېرەك. قائىدە بېكىتىلگەن ئىكەن، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۈنۈملۈك ئەمەل قىلىشى كېرەك. «تاللاش بولغان كۆپ تەرەپچىللىك» بىزنىڭ تاللىشىمىز بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.

− كېڭىشىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇش، توقۇنۇشۇش، تىركىشىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق كېرەك. مەيلى سوغۇق ئۇرۇش، ئىسسىق ئۇرۇش بولسۇن ياكى سودا ئۇرۇشى، پەن - تېخنىكا ئۇرۇشى بولسۇن، ھەممىسى ئەڭ ئاخىرىدا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى قۇربان قىلىدۇ. پەرقلەرگە ھۆرمەت قىلىش ۋە سىغدۇرۇش، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق، ئىختىلاپلارنى كېڭىشىش، سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك. سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرى، نۆل يىغىندىلىق ئېلىشىش كونا ئىدىيەسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا ئەپۇ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتەك ھەمكارلىق قارىشىغا قاتتىق ئەمەل قىلىش كېرەك. شەخسىيەتچىلىكتىن ئىبارەت تار سىياسەتنى رەت قىلىش، ئادىل، باراۋەر رىقابەتلىشىشنى تەشەببۇس قىلىش، بىر - بىرىنى قوغلىشىپ، ئورتاق يۇقىرى ئۆرلەيدىغان يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىنى قانات يايدۇرۇش، ھەرگىزمۇ ئۆزئارا ھۇجۇم قىلىدىغان، ھايات - ماماتلىق ئېلىشىدىغان مۇسابىقە بىلەن شۇغۇللانماسلىق كېرەك.

− دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر ئىزدا توختىۋېلىپ بېكىنمىچىلىك قىلماسلىق كېرەك. 21 - ئەسىردىكى كۆپ تەرەپچىللىكتە توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ھەم كۆپ تەرەپچىللىكنىڭ يادرولۇق قىممىتى ۋە ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەم مەۋقەنى دۇنيا ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قويۇپ، يەر شارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئېھتىياجىنى كۆزلەپ، كەڭ دائىرىدە كېڭىشىش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش ئاساسىدا يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنسانىيەت سەھىيە ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش كېرەك. دۇنيا سودا تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە پۇل سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يەر شارىۋى رەقەملىك ئىدارە قىلىش قائىدىسىنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرىدىغان «پارىژ كېلىشىمى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. بىز مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ئۇزاققىچە تىنچ بولغان، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇپ چىقىمىز.

− جۇڭگو داۋاملىق تۈردە خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى پايدىلىق تەجرىبىلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز دۆلەتلەر ۋە رايونلارنى قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ. ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ۋاكسىنىنى ھەقىقىي تۈردە ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ئىشلىتىدىغان، ئىشلىتەلەيدىغان ئاممىۋى مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرىدۇ.

− جۇڭگو داۋاملىق تۈردە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويىدۇ. يۇقۇمدىن پايدىلىنىپ «يەر شارىۋىسىزلاشتۇرۇش» بىلەن شۇغۇللىنىش، بېكىنمىچىلىك قىلىپ ئالاقىنى ئۈزۈش بىلەن شۇغۇللىنىش ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىنى قوللاپ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىنى قەتئىي يولغا قويىدۇ. سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ راۋانلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، يۇقىرى سۈپەتتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ بازار ئەۋزەللىكى ۋە ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشى ۋە ئېشىشىغا تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

− جۇڭگو داۋاملىق تۈردە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، 2030 - يىلىدىن ئىلگىرى كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، 2060 - يىلىدىن ئىلگىرى كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە پايدىلىقلا ئىش بولسا، جۇڭگو قىلچە باش تارتماي قىلىدۇ ھەمدە ياخشى قىلىدۇ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدۇ.

− جۇڭگو داۋاملىق تۈردە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىدۇ. پەن - تېخنىكا سېلىنمىسىنى زورايتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىدۇ. پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىشى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان، توسىدىغان ۋاسىتە بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. جۇڭگو تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن تەپەككۇر ۋە تەدبىرلەر ئارقىلىق خەلقئارا پەن - تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئوچۇق، ئادىل، ھەققانىي، كەمسىتىش بولمىغان پەن - تېخنىكا تەرەققىيات مۇھىتى بەرپا قىلىدۇ.

− جۇڭگو داۋاملىق تۈردە يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرتكە بولىدۇ. بىرى يەڭسە، بىرى يېڭىلىش، غالىب كەلگۈچى ھەممىنى يۇتۇۋېلىش جۇڭگولۇقلارنىڭ جاھاندارچىلىق پەلسەپەسى ئەمەس. جۇڭگو مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەر شارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىشقا تېخىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئېلىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

شى جىنپىڭ ئەڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىنسانلارنىڭ پەقەت بىرلا يەر شارى بار، ئىنسانلارنىڭ پەقەت بىرلا ئورتاق كەلگۈسى بار. مەيلى ھازىرقى كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇشتا بولسۇن، ياكى گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشتا بولسۇن، ئىنسانلار جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشقا موھتاج. ئەمەلىيەت شۇنى قايتا - قايتا ئىسپاتلىدىكى، قوشنىسىغا ئورا كولايدىغان ھەرقانداق ئۇسۇل، ھەرقانداق يالغۇز ئېلىشىش پىكىر يولى، ھەرقانداق ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغان تەكەببۇرلۇق ئاخىرقى ھېسابتا مۇقەررەر ھالدا مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنىدۇ! بىز قول تۇتۇشۇپ، كۆپ تەرەپچىللىك مەشئىلى ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەيلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.