تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېتەكلەش، كاپالەتلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ كەم - كوتسىز دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېتەكلەش، كاپالەتلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ كەم - كوتسىز دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا، بېيجىڭ، خېبېيدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا ھەم بېيجىڭ 2022 - يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ 2020 - يىللىق خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ۋە 2021 - يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئاڭلاپ ئۆتتى، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقتى، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئۆتكەن بىر يىلدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر شەرھلەپ بايان قىلىپ، كۈچلۈك سىياسىي نازارەتچىلىك ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى بىر دەقىقىمۇ توختاتماي ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكلەش، كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

بىرىنچىدىن، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىشقا كۈچەپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە چېنىقىشنى، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، كۈچلۈك سىياسىي نازارەتچىلىكنى تاۋلاپ چىقىش كېرەك. سىياسىي نازارەتچىلىكنى دائىملاشتۇرۇش، كونكرېتلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، نازارەت قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا بولغان نازارەتچىلىك، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ كەم - كوتسىز دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى نازارەت قىلىش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە، ئاممىنىڭ ئەتراپىغىچە ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى سىجىل تۈزەپ، ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەنسىرەۋاتقان، تەقەززار بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.

بەشىنچىدىن، ئىستىلنى ياخشىلاشتا قەتئىي بوشاشماسلىق كېرەك. ھېچقانداق ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە بولماسلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق بولۇش، ئاخىرغىچە قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، نىشانلىق تۈزىتىپ، تۈزەپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىل جەھەتتىكى تەربىيەنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»نى قەتئىي بوشاشماي تۈزىتىپ، تۈزەپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ پەيدا بولۇشى، يامرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، سىجىل تۈردە ئاساسىي قاتلامنى باغلاقتىن بوشىتىپ، يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ۋەزىپىنى تولۇق ئادا قىلىشى، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ شۇجىلىرى بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، سىستېمىلىق تۈزەش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش ئىدىيەسى بىلەن ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى نازارەتچىلىك ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر، نۇقتىلىق ئىشلارنى كۆزلەپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ ۋەزىپىنى تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى قەلبكە پۈكۈش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ھەرىكەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

يەتتىنچىدىن، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى قوشۇنىغا ئەلالارنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ساپا، كەسپىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، قاتتىق باشقۇرۇش، قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، سىياسىي ساپاسى يۇقىرى، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، كەسىپلەشكەن، ئىقتىدارى كۈچلۈك، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، كۈرەش قىلىشقا ماھىر ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ، خېبېيدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا ھەم بېيجىڭ 2022 - يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ قار - مۇز بايلىقى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەش ۋە يۆلەشنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى تەنتەربىيە ھەرىكىتى ۋە تەنتەربىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئاممىۋى تەنتەربىيە، ماھارەت تەنتەربىيەسى، تەنتەربىيە كەسپىنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىق ساپاسى، زامانىۋى ماھارەت تەنتەربىيەسى سەۋىيەسى ۋە قار - مۇز ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.