تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە بوھتان چاپلاشقا، قارا چاپلاشقا يول قويمايمىز

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن

يېقىندا ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپېئو شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغانلىقىدەك ئوبيېكتىپ پاكىتنى نەزەرگە ئالماي، ئالاقىدار خەلقئارا ئەھدىنامىلەردىكى ئېنىقلىما، قائىدىلەرنى نەزەرگە ئالماي، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شىنجاڭغا بەرگەن ئىجابىي باھاسىنى نەزەرگە ئالماي، ئاساسسىز ساختا ئۇچۇرلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار بىمەنە سەپسەتىلەرنى ھە دەپ تارقاتتى. پومپېئونىڭ زەھەرخەندىلىك بىلەن ئەيىبلىشى خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلاشقانلىق بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھېسسىياتىغا ئېغىر ئازار بەردى. بۇنىڭغا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق قەتئىي قوشۇلمايدۇ، كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ، قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

پومپېئو ئەزەلدىن «يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق، ئوغرىلىق»نى شەرەپ بىلىپ، تەرەپ - تەرەپتە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، ھە دەپ زومىگەرلىك قىلدى. پومپېئو تەختتىن چۈشۈش پەيتىدە يەنە بىر قېتىم غالجىرلىق بىلەن شىنجاڭغا ھۇجۇم قىلىپ قارا چاپلىدى، ئۇنىڭ غالجىرلاشقان چۈپرەندىلەرچە تۆھمەت قىلىشى، ئارىلىشىشى، بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدىكى مەقسەت − شىنجاڭنى ئۆزى ئالدىن قۇرغان قىلتاققا دەسسىتىش، خەلقئارا ئاممىۋى پىكىرنى ئۆزىنىڭ توزىقىغا سۆرەپ كىرىش، شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان سايمان ساندۇقىغا سۆرەپ كىرىش. پومپېئو ئويدۇرۇپ چىقارغان شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان - ياۋىداق سۆزلەر كۆپ قېتىم پاكىت تەرىپىدىن بىر - بىرلەپ ئېچىپ تاشلاندى، ئۇنىڭ شەخسى ئىناۋىتى ئاللىبۇرۇن ئۈزۈل - كېسىل بەربات بولغان، ئۇنىڭ سۆز - ھەرىكىتى يەنە بىر قېتىم دۇنيا ئەھلىگە «يالغان - ياۋىداق دىپلوماتىيەنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش»تەك «كۈنى ئاخىرلىشىش ئالدىدىكى غالجىرلىق»ىنى كۆرسىتىپ بەردى.

شىنجاڭنىڭ مۇقىم، گۈللەنگەن ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيىتىگە پومپېئونىڭ بوھتان چاپلىشىغا، قارا چاپلىشىغا يول قويمايمىز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قانۇن بويىچە قوغدىدى. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى»«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى»«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىن ئىشلىرى نىزامى»«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى خىزمىتى نىزامى»«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تىل - يىزىق خىزمىتى نىزامى»«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى» قاتارلىق بىر قاتار يەرلىك قائىدە - نىزاملارنى تۈزۈپ ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ باشتىن - ئاخىر قانۇنچىللىق يولىدا ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئۆتكەن بىر مەزگىلدىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى كۆپ يۈزبەرگەن، ئۈزۈلمەي يۈزبەرگەن كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، شىنجاڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، قوبۇل قىلىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىنى قوللىنىپ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلدى، بىر قولدا زەربە بېرىشنى تۇتۇپ، بىر قولدا ئالدىنى ئېلىشنى تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئۇدا تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى يۈزبەرمەي، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى تىنچلىق، مۇقىملىققا بولغان ئارزۇسى ۋە ئۈمىدىگە ئۇيغۇنلاشتى. شىنجاڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى» قاتارلىق قانۇن - نىزاملارغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەرگە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەرنىڭ تۈرلۈك ھوقۇق - مەنپەئەتلىرىگە كاپالەتلىك قىلدى. شىنجاڭ قانۇن بويىچە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويدى، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى سىجىل ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى بىردەك خەنزۇ مىللىتىنىڭ نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن يۇقىرى بولدى. شىنجاڭ قانۇن بويىچە مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا باراۋەر قاتنىشىش ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈردى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىگە تولۇق ھۆرمەت قىلدى، مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قانۇن بويىچە قوغدىدى، ۋارىسلىق قىلدى ۋە ئەۋج ئالدۇردى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈردى، ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى. شىنجاڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرى ۋە دىنىي ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇردى، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە دىنىي پائالىيەت شارائىتىنى ياخشىلاشقا ياردەم بەردى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ دىنىي بىلىملەرگە ئېرىشىش يولىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى، ئىسلام دىنى ساغلام، تەرتىپلىك ۋارىسلىق قىلىشقا ئېرىشتى.

پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئادىللىق كىشىلەر قەلبىدە. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. ئىقتىسادىي تەرەققىيات سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، ئۇل ئەسلىھەلەر ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى. ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى. ھازىر، شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كېلىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئاتلىنىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى. 2018 - يىلى 12 - ئايدىن بۇيان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەمەلدارلىرى، چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جەنۋەدە دائىم تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋە دىنىي تەشكىلاتلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 80 نەچچە تۈركۈم ئۆمەك - گۇرۇپپىدىكى 1200دىن ئارتۇق ئادەم شىنجاڭغا كېلىپ، ئېكسكۇرسىيەدە، زىيارەتتە بولدى، ئۇلار شىنجاڭنىڭ خاتىرجەم - ئاسايىشلىقى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاق - ئىناقلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى، مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى ئوبيېكتىپ، ئادىل باھا ۋە ئاخبارات خەۋەرلىرىنى ئېلان قىلدى، بۇ، خەلقئارادا نۇرغۇن دۆلەت ۋە بىلىملىك زاتنىڭ تولۇق ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە تەرىپلىشىگە ئېرىشتى.

ھەرقانداق يالغان - ياۋىداق سۆز شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى، ئىلگىرىلىگەنلىكىدەك پاكىتنى يوققا چىقىرالمايدۇ، ھەرقانداق بوھتان چاپلاش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ، ھەرقانداق تۆھمەت شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش مۇساپىسىگە كاشىلا قىلالمايدۇ. پومپېئو شىنجاڭغا زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ تارقاتقان پىتنە - ئىغۋالار دۇنيانى ئالدىيالمايدۇ، جۇڭگوغا قارا چاپلىيالمايدۇ، مۇقەررەر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە بىللە تاشلىۋېتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.