تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

پارنىكتا مايسا يېتىشتۈرۈش ئالدىراشچىلىقى

كەلپىن ناھىيەسى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنى مۇستەھكەملەش، يېتەكچى قىلىش ئاساسىدا، كۆكتات قاتارلىق ئەنئەنىۋى خاس زىرائەتلەرنىڭ پارنىك تېرىقچىلىقىنى پۇختا قەدەم بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

يېقىندا، كەلپىن ناھىيەسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۈن نۇرى پارنىكى مايسا يېتىشتۈرۈش بازىسىدا، كەنت ئاھالىسى جاۋ شىجۇ تېخنىك خادىملاردىن نۆۋەتتىكى مايسا يېتىشتۈرۈشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن مەسلىھەت سورىدى. ھازىر جاۋ شىجۇ 1 مىليون 200 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرگەن بولۇپ، كەلپىن ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە 11 خىل كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرۈپ، ناھىيەنىڭ «كۆكتات-تاق»ىنى كېڭەيتىپلا قالماي، يەنە ئۆزىنىڭ بېيىش «ھەميېنى»نى تومپايتتى.

جاۋ شىجۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «پارنىك چوڭ-كىچىككە ئايرىلىدۇ، بىر مو يەردە 2500 تۈپ ئەتراپىدا مايسا يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ، ھازىر ئاساسلىقى سۇنى تىزگىنلەش ۋە ھاۋا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق كۆچۈرۈپ تىكىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەۋاتىمىز».

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل كەلپىن ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار تېخنىك خادىملار يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، خاس يېزا ئىگىلىكىنى پۈتۈن ناھىيەدىكى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدىكى مۇھىم يوللارنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان.

مەنبە: كەلپىن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

(كەلپىن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى ئامىنە)

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى