تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كەلپىن ناھىيەسى: چەپىتى نان كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە «زاپاس كۈچ» قوشتى

ئانار بۇلۇت: كەلپىن ناھىيەسى گەزلىك بازىرى تۆۋەن باغلىق كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى ھەسەن تۇرسۇن چەپىتى نان يېقىشقا تايىنىپ كەنتتىكى بېيىش باشلامچىسىغا ئايلىنىپ، كۆپچىلىكنى خۇشال-خۇرام تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلىدى.

تۆۋەن باغلىق كەنتى ئىلگىرى ئېغىر نامرات كەنت بولۇپ، تەبىئىي مۇھىتى ناچار، تۇپرىقىنىڭ شورلىشىشى ئېغىر، كەسىپ ئاساسى ئاجىز، قۇرۇلمىسى يەككە ئىدى، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشى ناھايىتى زور چەكلىمىگە ئۇچرىغانىدى. چىقىش يولى تېپىش ئۈچۈن، كەنت ئاھالىسى ھەسەن تۇرسۇن ئۈرۈمچىگە بېرىپ ناۋايلىق ھۈنىرىنى ئۆگىنىپ، ناۋايلىق ئارقىلىق تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولدى. ھۈنەرنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن، ھەسەن تۇرسۇن يۇرتىغا قايتىپ ناۋايخانا ئاچتى. دەسلەپتە، ئۇنىڭ سودىسى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى، ياققان نانلىرىنى كۈندە سېتىپ بولالمايتتى، كىرىمىمۇ مۇقىم ئەمەس ئىدى. جۇڭگو نېفىت خىمىيە غەربىي شىمال نېفىت ئىدارىسىنىڭ كەلپىن ناھىيەسى گەزلىك بازىرى تۆۋەن باغلىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئەھۋال ئىگىلىگەندىن كېيىن، ھەسەن تۇرسۇننىڭ خېرىدارلار بىلەن ئالاقىلىشىپ سېتىش يولىنى ھەل قىلىشىغا پائال ياردەم بەردى، ھازىر ئۇنىڭ نان سودىسى بارغانسېرى ياخشىلاندى، يەنە بىرقانچە نان ياقىدىغان ناۋاي ئۇستام قوبۇل قىلدى.

ھەسەن تۇرسۇن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ھازىر سودام ناھايىتى ياخشى، كۈندە 800دىن 1000غىچە نان يېقىپ، ئۈرۈمچىگە ماڭدۇرىمەن. ھازىر ھەر ئايدا 12 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلغىلى بولىدۇ». سېتىلىش مىقدارى ئاشتى، ھەسەن تۇرسۇننىڭ كىرىمىمۇ ئاشتى، ئۇ يەنە ناۋاي ئۇستاملارنىڭ مائاشىنى ئۆستۈردى، كۆپچىلىكنىڭ غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى.

كەنت ئاھالىسى جۈرئەت ئەمەرنىڭ ئائىلىسىدە يەر ئاز، ئادەم كۆپ بولۇپ، ئۆزىنىڭمۇ بىرەر ئارتۇقچىلىقى يوق، مۇقىم كىرىمىمۇ يوق ئىدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، جۈرئەت ئەمەر ھەسەن تۇرسۇننىڭ دۇكىنىغا كېلىپ ئىشلىدى. «بۇ يەرگە كېلىپ ھۈنەر ئۆگىنىۋاتقىنىمغا ئۈچ ئايدىن ئاشتى، مەن ئۆزۈم نان ياقالايدىغان بولدۇم. مەن بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ، ناۋايخانا ئېچىپ، تۇرمۇش سەۋىيەمنى ئۆستۈرىمەن» دېدى جۈرئەت ئەمەر.

ھەسەن تۇرسۇن مۇنداق دېدى: «بۇ يەردىكى ئىشچىلارنىڭ ئايلىق مائاشى 2000 يۈەن ئەتراپىدا، ھازىرغا قەدەر مەن 20گە يېقىن شاگىرت تەربىيەلىدىم. نان يېقىشنى ئۆگەنمەكچى بولغانلار بار بولسىلا، مەن ئۇلارغا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئۆگىتىمەن، مەنمۇ ئۇلارنىڭ ناۋايلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن».

مەنبە: كەلپىن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، مۇخبىر دىلاۋۇر

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى