تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئۈچتۇرپان ناھىيەسى: ئۆردەك، غاز كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ بېيىش يولىنى كېڭەيتتى

1-ئاينىڭ 12-كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۈچتۇرپان ناھىيەسى ئاچاتاغ يېزىسىدىكى 30 مىليون ئۆردەك، غاز باقمىچىلىق رايونىغا كىرگىنىدە، ئۆردەكلەرنىڭ غاقىلدىغان ئاۋازى ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

«بۇلار كۆڭۈل قويۇپ تاللىغاندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بېقىلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى سورتلۇق ئۆردەك، كېيىنكى قەدەمدە، بىز ئۆردەك، غازنىڭ چۈجە چىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، بۇ تۈردە تۇنجى تۈركۈمدە ئۆردەك، غاز باقمىچىلىق كۆلىمىنى 10 مىليونغا كېڭەيتىشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىمىز» دېدى شىنجاڭ دۇجىن شىننۇڭ پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يىن ۋېنجيې.

30 مىليون ئۆردەك، غاز باقمىچىلىق تۈرى ئۈچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى بولۇپ، بۇ تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئۆي قۇشلىرى كەسپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ھەل قىلدى.

تۈر پىلانىغا ئاساسەن، جەمئىي 380 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش، جەمئىي بەش ئۆردەك، غاز باقمىچىلىق رايونى كاتىكى، ئالتە چۈجە چىقىرىش سېخى ھەمدە سويۇش سېخى، سوغۇق ساقلاش زەنجىرى ۋە پەي-تىۋىت سېخى، يەم-خەشەك ئىشلەپچىقىرىش سېخى قاتارلىقلارنى قۇرۇش پىلانلاندى ھەم «باقمىچىلىق بازىسى + كەنت كوللېكتىپى + قىيىنچىلىقى بار ئائىلە» ئەندىزىسى قوللىنىلىپ، تۈرنىڭ ھەممىسى پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى 2000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك تۈرتكە بولىدۇ، ئۆردەك، غاز باقمىچىلىق كۆلىمى 30 مىليونغا يەتكۈزۈلىدۇ.

يىن ۋېنجيې مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، ئۆردەك، غاز باقمىچىلىق رايونىدىكى كاتەك قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، سويۇش، سوغۇق ساقلاش زەنجىرى ۋە يەم-خەشەك سېخى قۇرۇلۇشىمۇ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى، بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا تۈر قۇرۇلۇشى تولۇق تاماملىنىپ، ئۆردەك، غاز باقمىچىلىقىدا ئومۇميۈزلۈك تىجارەت باشلاش مۆلچەرلەنمەكتە».

«بۇ يەردە نەسىللىك ئۆي قۇشلىرىنى بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگەنگىلى بولۇپلا قالماي، ھەر ئايدا يەنە 2500 يۈەن مائاش ئالغىلىمۇ بولىدۇ» دېدى خىزمەتچى ئېزىز ھەسەن.

يىن ۋېنجيې مۇنداق دېدى: «ھازىر، ئەتراپتىكى 200دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە مائاشى 2000 يۈەندىن 2500 يۈەنگىچە بولدى. كېيىنكى قەدەمدە، شىركەت ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، كەنت ئاھالىلىرىگە ئۆردەك، غازلارنى ھاۋالىلىك بېقىش ۋە يىغىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئۆردەك، غاز باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ».

مەنبە: ئاقسۇ گېزىتى

(مۇخبىر ليۇ خۇڭۋېن، ئىختىيارىي مۇخبىر لى تيېلىن خەۋىرى)

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى