تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ۋۇكېسۇڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكەت مەركىزىنىڭ مۇزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتتى

بۇ 1-ئاينىڭ 25-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان ۋۇكېسۇڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكەت مەركىزىنىڭ ئىچكى كۆرۈنۈشى.

شىنخۇا تورى خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 25-كۈنى، مۇز تۇتقۇزۇش خىزمىتى تاماملانغان ۋۇكېسۇڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكەت مەركىزى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى تەشكىللىگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتتى.

ۋۇكېسۇڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكەت مەركىزى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى مۇز توپ مۇسابىقىسىنىڭ سارىيى بولغان ۋۇكېسۇڭ تەنتەربىيە سارىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي يېقىغا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 38 مىڭ 960 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. يەر ئاستى ئىككى قەۋەت مۇز مەيدانى بولۇپ، جەنۇب ۋە شىمالدىن ئىبارەت ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغان ئىككى مەيدان تەسىس قىلىنغان؛ يەر ئۈستى ئىككى قەۋەت بولسا تەنتەربىيە مەدەنىيىتى يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن ئۆي ۋە بىر تىياتىرخانا. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، مەيدان-سارايلار تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بەدەن قىزىتىش ۋە مەشىق مەيدانى بولۇپ، يەر ئاستى مەخسۇس يولى تەسىس قىلىنىپ، مۇسابىقە مەيدان-سارايلىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ خۈەنزۇڭ فوتوسى

1-ئاينىڭ 25-كۈنى، ۋۇكېسۇڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكەت مەركىزىدە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇز توپ تۈرى بويىچە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىس ۋە ئاساسلىق مۇز تۇتقۇزۇش ئۇستىسى نېلسون مۇز تۇتقۇزۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالدى.

 بۇ 1-ئاينىڭ 25-كۈنى تارتىلغان ۋۇكېسۇڭ مۇز ئۈستى ھەرىكەت مەركىزىنىڭ ئىچكى كۆرۈنۈشى. 

 1-ئاينىڭ 25-كۈنى، ۋۇكېسۇڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكەت مەركىزىدە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇز توپ تۈرى بويىچە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىس ۋە ئاساسلىق مۇز تۇتقۇزۇش ئۇستىسى نېلسون مۇز تۇتقۇزۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى