تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئىككى ساياھەت لىنىيەسى ئاپتونوم رايوننىڭ كۆرسىتىلىشىگە ئېرىشتى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ خۇڭۋېن، ئىختىيارىي مۇخبىر دۇڭ خۇڭبېي خەۋىرى): 1-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىدىن خۇش خەۋەر كەلدى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئىككى ساياھەت لىنىيەسى 2020-يىلى شىنجاڭنىڭ ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا-كەنت ساياھىتى ئېسىل مەنزىرە نۇقتىلىرى لىنىيەسى بويىچە كۆرسىتىلدى.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار تارماق مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2020-يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئېسىل مەنزىرە نۇقتىلىرى لىنىيەسىنى تونۇشتۇرۇش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست)، ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ كۆرسىتىشى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈشى قاتارلىق تەرتىپلەر ئارقىلىق، بۇ يىل 1-ئاينىڭ 12-كۈنى 60 لىنىيە 2020-يىلى شىنجاڭنىڭ ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا-كەنت ساياھىتى ئېسىل مەنزىرە نۇقتىلىرى لىنىيەسىگە كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئىككى ساياھەت لىنىيەسى كۆرسىتىلگەن، ئۇلار: كۇچا شەھىرىنىڭ سەھرا مەنزىرىسى ساياھىتى، مارجانبۇلاق ئىستىراھەت باغچىسىدىكى شىرېن ئىستىراھەت كەنتى؛ ئاۋات ناھىيەسىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى دولان سەھرا ساياھىتى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ئاۋات ناھىيەسى دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونى.

 مەسئۇل يولداشنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى بازارلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا-كەنت ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شەھەر رايونى ئەتراپىدا ئىقتىدارى تولۇق، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسرايدىغان زامانىۋى ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىك رايونى بەرپا قىلىپ، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش كۈچى كۈچلۈك زامانىۋى ئىستىراھەت كەنتى قۇرغان ھەم يېڭى مەنزىرە نۇقتىسى ۋە لىنىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئېچىپ، جەمئىيەت كاپىتالىنى زامانىۋى ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىگە مەبلەغ سېلىشقا پائال يېتەكلەپ، يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەت، مەدەنىيەت، مائارىپ، ساغلاملىق-كۈتۈنۈش، تەنتەربىيە قاتارلىقلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىگەن. نۆۋەتتە، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئىستىراھەت باغچە رايونى، دېھقانلار ئارامگاھى، خاس مىللىي ئۆرپ-ئادەت كەنتى قاتارلىق ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ھەم يېزا-كەنت ساياھەت تىجارەت سۇبيېكتىدىن 498نى بەرپا قىلغان، تىجارەت سوممىسى 502 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 27 مىڭ 699 دېھقان ئائىلىسىغا تۈرتكە بولۇپ، يىلىغا 3 مىليون 374 مىڭ 700 ساياھەتچى (قېتىم) كۈتۈۋالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش
  • قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى: ساياھەتچىلەر خۇشال كېلىپ، خۇشال قايتتى
  • چاغانلىق پۇراق