تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭ ياخشى جاي | چېۋەر قولى بىلەن بەختلىك تۇرمۇشنى كەشتىلەش

1-ئاينىڭ 23-كۈنى، جىمىسار ناھىيەسى بەيچۈەن كەنتىدىكى كەشتىچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپېراتىپىدا، كەشتىچى ئايال قازاق مىللىتىنىڭ كەشتىلىرىنى تەكشۈرمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

   شىنخۇا تورى خەۋىرى: قازاق مىللىتى كەشتىچىلىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا تەۋە، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جىمىسار ناھىيەسىنىڭ بەيچۈەن كەنتىدىكى قازاق ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ ھۈنەرنى بىلىدۇ. 2013-يىلى، بۇ كەنتتە كەشتىچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇپ، شۇ جايدىكى ئاياللارنى دېھقانچىلىقنىڭ بوش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ كەشتىچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا رىغبەتلەندۈردى ھەمدە سېتىش سۇپىسى قۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، كەشتىچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىغا 43 ئاھالە قوشۇلدى، كەشتىچىلىك مەھسۇلاتلىرى 20 خىلدىن ئېشىپ، كەشتىچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش شۇ جايدىكى ئاياللارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق شەكىلگە ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى