تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[مېنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ھېكايەم] ئابدۇللانىڭ «يايما يېيىش» خاتىرىسى

     شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ شىيا): 1-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئابدۇللا ئابلىكىم ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ئانار شەربىتىنى يەتكۈزۈپ بولغاندا قاراڭغۇ چۈشۈپ بولغانىدى.

   «ئىگىلىك تىكلەشتە ئەتىگەن سائەت 9دا ئىشقا بېرىپ كەچ سائەت 5تە ئىشتىن چۈشىمىز دەيدىغان ئۇقۇم يوق، ئاساسەن ھەر كۈنى مۇشۇنداق» دېدى ئابدۇللا رولنى تۇتۇپ كۈلۈپ تۇرۇپ، ھەر كۈنى ئۈرۈمچىدە 90 نەچچە كىلومېتىر يول يۈرۈپ، ئۇ ئۆزىمۇ «يول باشلىغۇچ»قا ئايلىنىپ قالغانىدى.

   ئانار شەربىتىنىڭ تەمىگە ئوخشاش، ئابدۇللانىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولىمۇ «ئاچچىق-چۈچۈك» ۋە «تاتلىق»قا تولدى.

   2018-يىلى، داشۆنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئابدۇللا ئالدى بىلەن ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى شىركەتتە باشقۇرۇش بىلەن شۇغۇللاندى، كېيىن يەنە چېنىقىش ئۆيىنىڭ تىجارەت پىلانىنى تۈزدى. بۇلتۇر 9-ئايدا، چېنىقىش ئۆيى تاقىلىپ قېلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى، ئابدۇللا خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ ئىگىلىك تىكلەشنى تاللىدى. ئۇ ئالدى بىلەن ئىشنى «يايما يېيىش»تىن باشلاشنى قارار قىلدى.

   ئابدۇللا بادام، ياۋگو قاتارلىق قۇرۇق مېۋىلەرنى توپ سېتىۋېلىپ، كىچىك ئاپتوموبىلىنىڭ ئارقا ساندۇقىغا تۈرگە ئايرىپ رەتلىك تىزدى، بىرىنچى بېكەتتە ئۇدۇل چوڭ ئانىسى تۇرۇشلۇق ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان مۇگې ئولتۇراق رايونىغا باردى، تۇنجى كۈنىدىكى تىجارەت سوممىسى 1000 يۈەن بولدى. تۇنجى جەڭدە غەلىبە قىلىش ئابدۇللاغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسەتتى: باشلىنىش نۇقتىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشىدىن ئەمەس، تىرىشماسلىقتىن قورقۇش كېرەك. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىرنەچچە كۈندە، ئۇ داۋاملىق باشقا بىرقانچە ئۆزىگە تونۇش بولغان ئولتۇراق رايوننى ئايلاندى، ناھايىتى تېزلا تۇنجى تۈركۈمدە توپ سېتىۋالغان قۇرۇق مېۋىلەر سېتىلىپ بولدى.

   بىر ئايدىن كېيىن، ئانار سېتىشنىڭ ئاۋات مەزگىلى يېتىپ كەلدى، ئابدۇللا يەنە ئانار بازىرىغا يۆتكىلىپ، ئانارنى توپ ۋە پارچە سېتىش سودىسى قىلدى. ئۇ قۇرۇق مېۋە سېتىپ توپلىغان مەبلىغى ئارقىلىق، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى توننا ئانارنى توپ باھادا ئېلىپ، بىر توننىنى بورتالا شەھىرىگە ساتتى، بىر توننىنى پارچە ساتتى ۋە يېڭى سىقىلغان ئانار شەربىتىمۇ ساتتى.

   بۈگۈنكى كۈندە ئابدۇللا بازارغا قاتراپ يۈرۈپ، ئون ئاشخانا ۋە كىچىك تاللا بازىرىنىڭ مۇقىم زاكىزىغا ئىگە بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە توردىمۇ ساتقاچقا، سودىسى ئەڭ ياخشى بولغاندا كۈنىگە 100 كىلوگىرامدىن ئارتۇق ئانار شەربىتى ساتتى.

   «ئىگىلىك تىكلەش يولىدا ھەر كۈنى ھەرخىل كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىۋالدىم، شۇنداقلا پۇل تېپىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم» دېدى ئابدۇللا سەمىمىيلىك بىلەن.

   نۆۋەتتە، ئابدۇللا ئانار شەربىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئوراپ قاچىلاش لايىھەسىنى ئىشلەشكە كىرىشتى، ئۇ چېنىقىش ئارقىلىق، كەلگۈسىدە ئۆزىگە تەۋە ئىگىلىك تىكلەش يولىنى تېپىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى