تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەن، مۇقىم ئىكەنلىكىدەك پاكىت ئارقىلىق پومپېئو ئېقىمىدىكىلەرنىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنى ئېچىپ تاشلايمەن

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئادىل ئەلى

«تارىختىكى ئەڭ ناچار دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى» پومپېئو يەنە زەھەر چېچىپ، دۇنيا سەھنىسىدە «كۈنى ئاخىرلىشىش ئالدىدىكى غالجىرلىق» بىمەنە ئويۇنىنى ئويناپ، دۇنيا خەلقى ئالدىدا رەزىل ئەپت - بەشىرىسى ۋە رەزىل نىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى. ئۇزاقتىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپېئو كۆپ قېتىم، ئوخشاش بولمىغان سورۇنلاردا جۇڭگوغا ئالاقىدار، شىنجاڭغا ئالاقىدار سەپسەتە ئېلان قىلىپ، پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە ئاساسسىز ھۇجۇم قىلىپ ۋە قەستەن قارا چاپلاپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى بۇرمىلاپ ئۇنىڭغا قارا چاپلاپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش قەدىمىنى توسۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. پومپېئو ئويدۇرۇپ چىققان ھەر خىل سىياسىي يالغان - ياۋىداق سۆزلەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو خەلقىگە قىلىنغان ئىنتايىن زور ھاقارەت بولۇپلا قالماستىن، يەنە دۇنيا خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھۆكۈم قىلىش كۈچىگە قىلىنغان ئىنتايىن زور ھاقارەت، تېخىمۇ مۇھىمى ئەخلاق - ھەققانىيلىق ۋە ئاساسىي ۋىجدانغا قىلىنغان ئاسىيلىق ۋە خىرىستۇر.

شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى توغرىلىق ھەرقانداق كىشىنىڭ يامان غەرەزدە ئويدۇرمىچىلىق قىلىشىغا، ئاساسسىز ئويدۇرمىچىلىق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، بۇنىڭغا شىنجاڭ خەلقى باھا بېرىشى، ھۆكۈم قىلىشى كېرەك، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئەمەلىي ئىشلار باھا بېرىشى، ھۆكۈم قىلىشى كېرەك. شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ، شىنجاڭدا چوڭ بولغان، ئاساسىي قاتلامدىن قەدەممۇقەدەم ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كىچىكىمدىن تارتىپ چوڭ بولغۇچە، ئوقۇشتىن خىزمەت قىلىشقىچە باشتىن - ئاخىر مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسىدە ياشاپ كەلدىم، ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئۇزاق مۇددەت خىزمەت، تۇرمۇش داۋامىدا ئۇرۇق - تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈپ، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشىپ، بىر - بىرىدىن ئايرىلماي، ئۆزئارا سىڭىشىپ، چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت ئورناتتى. بىز شىنجاڭدىكى تارىخىي غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە ئورتاق گۇۋاھ بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇق. ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭ مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا باراۋەر قاتنىشىش ھوقۇق - مەنپەئىتى ۋە ئۆز رايونى، ئۆز مىللىتىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، قانۇن بويىچە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغدىدى، ۋارىسلىق قىلدى ۋە ئەۋج ئالدۇردى، قانۇن بويىچە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقىنى ئىشلىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلدى، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقى قانۇن يۈرگۈزۈش، مەمۇرىيەت، مائارىپ، ئاخبارات - نەشرىيات، تور قاتارلىق ساھەلەر ھەمدە كۈندىلىك تۇرمۇشتا كەڭ قوللىنىلدى. ھەر مىللەت خەلق ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق تۈرلۈك ھوقۇق - مەنپەئەتلەردىن تولۇق بەھرىمەن بولدى.

بولۇپمۇ ئاقتۇ ناھىيەسىدە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە، مەن بەختلىك ھالدا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى، جەمئىيىتى ۋە ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتتە، بىز قانۇن بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بېرىش ئاساسىدا، يەنە مەنبەدىن تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ، ئۆتكەنكى بىر مەزگىلدىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتتۇق. شىنجاڭدا ئۇدا تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرمىدى، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ دەخلى - تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلىندى؛ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش جەھەتتە، شىنجاڭ توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى بىلەن تولۇق قاپلاشنى، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئۈچ يىللىق ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى ۋە 12 يىللىق ئاساسىي مائارىپ بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى. شەھەر، يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى، ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %99.7كە يېتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش يولغا قويۇلدى؛ مىللەت، دىن سىياسىتى جەھەتتە، ھەر مىللەت ئامما قانۇننىڭ قوغدىشىدا، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمەن بولماقتا. مەن كەنتتە تۇرغان تۆت يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، ھۆكۈمەت مەخسۇس مەبلەغ چىقىرىپ مەسچىتلەرنىڭ شارائىتىنى ياخشىلىدى، دىنىي زاتلارغا ئائىت داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، ئېغىر كېسەل، كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم، تۆۋەن كاپالەت قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈردى؛ نوپۇس ئىشلىرى تەرەققىياتى جەھەتتە، ئۆتكەن 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو شىنجاڭ رايونىدا كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى 30 ياشتىن 72 ياشقا ئۇزاردى. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نوپۇسى سىجىل ئاشتى، 2010 - يىلىدىن 2018 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا %25.04 ئېشىپ، پۈتۈن شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ %13.99لىك ئېشىش نىسبىتىدىن يۇقىرى بولدى، خەنزۇ مىللىتى نوپۇسىنىڭ %2لىك ئېشىش نىسبىتىدىن خېلىلا يۇقىرى بولدى. ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتە، مەركەز، ئاپتونوم رايون ھەر يىلى زور مىقداردا مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئىشلەتتى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇش جەھەتتە، كارخانىلارنى كىرگۈزۈش، ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنى تەسىس قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ھەر مىللەت ئاممىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تۇرمۇش، تۇرالغۇ مۇھىتىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولۇپ، نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، نامرات كەنتلەرنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن چېكىندى، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى.

جۇڭگونىڭ شىنجاڭدا ئاتالمىش «ئىرقىي يوقىتىش»نى يولغا قويۇشى ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى» ئۆتكۈزۈشى سېپى ئۆزىدىن پومپېئو ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگوغا قارشى ئايرىم كۈچلەرنىڭ قەستەن ئويدۇرۇپ چىقارغان كىشىنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرىدىغان ساختا تېمىسى ۋە يامان غەرەزدىكى بىمەنە كۈلكىلىك ئويۇنى بولۇپ، بۇنىڭدا پەقەت پومپېئو ئېقىمىدىكىلەرنىڭ يىرگىنىشلىك سىياسىي سۇيىقەستىلا مەۋجۇت، بۇنداق ئىش ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان، ھازىر يوق، كەلگۈسىدىمۇ جۇڭگو زېمىنىدا يۈزبەرمەيدۇ. پومپېئو تارقاتقان يالغان - ياۋىداق سۆزلەر ۋە زەھەر مۇقەررەر ھالدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ. پومپېئونىڭ قىلمىش - ئەتمىشلىرى جەزمەن تارىخنىڭ شەرمەندىچىلىك تۈۋرۈكىگە مىخلىنىدۇ، سېسىق نامى مەڭگۈ قالىدۇ!

مۇشۇ جايدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن شىنجاڭلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنىڭ قاتناشقۇچىسى، باشتىن كەچۈرگۈچىسى، گۇۋاھچىسى ۋە مەنپەئەتلەنگۈچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پومپېئونىڭ شىنجاڭنى ئاساسسىز ئەيىبلىگەنلىكى ۋە يامان غەرەزدە بوھتان چاپلىغانلىقىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمەن ۋە قەتئىي قارشى تۇرىمەن! شىنجاڭنىڭ تىنچ - خاتىرجەم، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيىتى تەستە قولغا كەلگەن، ھەر مىللەت خەلق بۇنى ھەسسىلەپ ئاسرايدۇ، ھەسسىلەپ قەدىرلەيدۇ، ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق كۈچنىڭ يولسىزلىق بىلەن ئارىلىشىشىغا قەتئىي يول قويمايدۇ. مەن ھەربىر شىنجاڭلىقنى، ھەربىر ئۇيغۇرنى كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈپ، پومپېئونىڭ جىنايى سۇيىقەستى ۋە رەزىل نىيىتىنى ھەقىقىي ئېنىق تونۇپ يېتىپ، پومپېئو ئېقىمىدىكىلەرنىڭ سىياسىي سۇيىقەستىنى ئۈزۈل - كېسىل بىتچىت قىلىشقا كۈچلۈك مۇراجىئەت قىلىمەن!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.