تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سېپى ئۆزىدىن يامان غەرەزدىكى بىمەنە كۈلكىلىك ئويۇن

قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى ئاستانە بازىرى ئاستانە كەنتىدىكى جۈمە مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئىسمايىل يۈسۈپ

مەن يان تېلېفوندىن، يېقىندا، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپېئونىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنى ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدىم. دىنىي ساھەدىكى زات بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەندىم ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمەن!

مەن ئۆز كەچۈرمىشلىرىمگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا شۇنداق قارايمەنكى، شىنجاڭ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە باشتىن - ئاخىر تولۇق ھۆرمەت قىلدى ۋە ئۇنى قوغدىدى. تۇپراققا دەپنە قىلىش ئۆرپ - ئادىتى بار ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىغا ھۆكۈمەت قەبرىستانلىققا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان يەر ئاجرىتىپ بەردى؛ ئىسىم قويۇش، خەتنە مۇراسىمى، توي مۇراسىمى، دەپنە مۇراسىمى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە ھۆكۈمەت تولۇق ھۆرمەت قىلدى؛ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ روزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇش، دۇئا قىلىش قاتارلىق نورمال دىنىي پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي شەخسلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بويىچە ئېلىپ بېرىلدى، ئەزەلدىن ھېچكىم ئارىلىشىۋالمىدى. 2020 - يىلى رامزان مەزگىلىدە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت تېببىي خادىملارنى مەسچىتتە داۋالاش مۇلازىمىتى قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ھەقسىز ماسكا بىلەن تەمىنلىدى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، دورا تارقىتىپ، قەرەللىك دېزىنفېكسىيەلەپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنى نورمال قانات يايدۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. بۇ بىرنەچچە يىلدا، ھۆكۈمەت يېڭىدىن قۇرۇش، يۆتكەپ قۇرۇش، كېڭەيتىپ قۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، مەسچىتلەرنىڭ شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ، سۇ، توك، گاز، پار، يول، خەۋەرلىشىش، رادىيو - تېلېۋىزىيە، داۋالاش - سەھىيە قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەتلەرنىڭ ئۇزىرىشى ۋە قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، بىز ھەممىمىز ناھايىتى خۇشال بولدۇق.

مەن بەختىمگە يارىشا 2018 - يىلى 9 - ئايدىن 2020 - يىلى 9 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىدە ئىككى يىللىق مەخسۇس كۇرس تەربىيەسىگە قاتناشتىم. مەكتەپتىكى مەزگىلدە ياتاق ھەققى ۋە تاماق ھەققى پۈتۈنلەي ھەقسىز بولدى ھەمدە نوپۇسۇم تۇرۇشلۇق جاينىڭ ھەر ئايدىكى 1000 يۈەن دىنىي زاتلار تۇرمۇش ياردەم پۇلىدىن داۋاملىق بەھرىمەن بولدۇم. ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، ھۆكۈمەت ماڭا ياردەم قىلىپ ئائىلەمنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، مېنىڭ غەم - ئەندىشەمنى تۈگەتتى. ھۆكۈمەت بىز دىنىي زاتلارغا ئەتراپلىق غەمخورلۇق قىلدى ۋە كۆيۈندى، بارلىق دىنىي زاتلارنى ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىغا كىرگۈزدى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسى، كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخمە سۇغۇرتىسىدىن بەھرىلەندۈردى، ھەر يىلى بىر قېتىم ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى، بايرام مەزگىلىدە كېلىپ بىزنى يوقلىدى، بىزدىن ھال سورىدى، بىزگە ياردەم قىلىپ ئائىلىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقلىرىمىزنى ھەل قىلىپ بەردى.

بىز شۇنى ئېنىق بىلىمىزكى، بۇ يىللاردا پومپېئو تارقاتقان ھەر خىل يالغان - ياۋىداق سۆزلەر ۋە زەھەر دەل سېپى ئۆزىدىن يامان غەرەزدىكى بىمەنە كۈلكىلىك ئويۇن. پومپېئو ئېقىمىدىكىلەرنىڭ جۇڭگونىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتەك رەزىل مەقسىتى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ، ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىگە جەزمەن ھەممە كىشى لەنەت ئوقۇيدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.