تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەن ساڭا پاكىتنىڭ نېمىلىكىنى بىلدۈرۈپ قوياي

باي ناھىيەسىنىڭ قاراباغ يېزىسىدىكى داشۆنى پۈتكۈزگەن كەنت كادىرى گۈلچېھرە ھەسەن

ئىسمىم گۈلچېھرە ھەسەن، ئۆيۈم باي ناھىيەسىنىڭ قاراباغ يېزىسى ئاقبۇلۇڭ كەنتىدە، مەن شىنجاڭدا تۇغۇلغان، شىنجاڭدا چوڭ بولغان، شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت قىزى. 2020 - يىلى مەن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنى پۈتكۈزدۈم، ئارزۇيۇم ئۆگەنگەن بىلىملىرىم بىلەن يۇرتۇمنى گۈللەندۈرۈش ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، چوڭ شەھەردە خىزمەت قىلىش پۇرسىتى ۋە ياخشى مائاش تەمىناتىدىن ۋاز كېچىپ، قەتئىيلىك بىلەن يۇرتۇمغا قايتىپ، داشۆنى پۈتكۈزگەن كەنت كادىرى بولدۇم.

يېقىندا، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپېئو يالغان گەپ تارقىتىپ، پاكىت بىلەن ھېسابلاشماي، شىنجاڭنىڭ ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيىتى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا قەستەن قارا چاپلىدى. مۇشۇ جايدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن شىنجاڭلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭدىن چەكسىز غەزەپلەندىم. يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق بىلەن سېسىق نامى پۇر كەتكەن پومپېئو، مەن ساڭا پاكىتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قوياي.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كۆرۈلگەندىن كېيىن، دۆلىتىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جەريانىدا، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئاغرىقلىرىنى ھەقسىز داۋالاشنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغداپ، دۆلىتىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. مەن جۇڭگو پۇقراسى بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن.

2010 - يىلىدىن 2018 - يىلىغىچە، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نوپۇسى 10 مىليون 171 مىڭ 500 كىشىدىن 12 مىليون 718 مىڭ 400 كىشىگە يېتىپ، 2 مىليون 546 مىڭ 900 كىشى كۆپىيىپ، %25.04 ئېشىپ، خەنزۇ مىللىتى نوپۇسىنىڭ %2لىك ئېشىش نىسبىتىدىن خېلىلا يۇقىرى بولدى. بىزنىڭ ئۆيدە ئۈچ بالا بار، تاغامنىڭمۇ ئۈچ بالىسى بار. بۇ مىسال ۋە سانلىق مەلۇماتلار شۇنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇكى، پومپېئونىڭ سەپسەتىسى پۈتۈنلەي جۇڭگوغا تۆھمەت قىلغانلىق، شىنجاڭغا تۆھمەت قىلغانلىق، ئۇلار ئۆز گېپىنى يورغىلىتىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مىللىي تالاش - تارتىش قوزغاپ، گۈزەل تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى.

شىنجاڭدا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەمگەكچىلەرگە خاس ھوقۇق - مەنپەئىتى قانۇن بويىچە قوغدالدى. ھۆكۈمەت بارلىق ئاماللار بىلەن ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، كۆپچىلىكنىڭ بېيىشىغا ياردەم بەردى. سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى خالايدىغانلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئىلھام ۋە مەدەت بەردى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى خالىمىغانلارنىڭمۇ ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى كۆپ بولدى، مەن مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، بىزنىڭ ئائىلىدە ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولغاچقا، ئائىلىمىزنىڭ يېرىنى تېرىيدىغان، قوي - كالىلارنى باقىدىغان ئادەم يوقلۇقىدىن خەۋەر تېپىپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرى ئۆزئارا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئېتىز بېشىغا بېرىپ ئائىلىمىزنىڭ تېرىقچىلىق ئىشلىرىغا ياردەم بەردى ھەم ھەمكارلىق كوپىراتىپى شەكلى ئارقىلىق ئائىلىمىزنىڭ قوي - كالىلىرىنى ھاۋالىلىك بېقىپ بەردى، يىل ئاخىرىدا پاي پايدىسىنى ئالدۇق. ئەتراپىمدىكى بۇنداق مىساللارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.

ھازىر شىنجاڭنىڭ مۇقىم، گۈللەنگەن ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشىدىن كەلگەن، ھەر مىللەت ئامما بۇنى چەكسىز قەدىرلەيدۇ. مانا بۇ پاكىت ۋە ھەقىقىي ئەھۋال! پومپېئو تارقاتقان تۈرلۈك يالغان - ياۋىداق سۆزلەر ۋە زەھەر مۇقەررەر ھالدا ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.