تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پومپېئو كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىدى

نىلقا ناھىيەسىنىڭ ئۈزەن بازىرى لەڭگەر مەھەللە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سابىرە تۇرسۇن

مەن نىلقا ناھىيەسى ئۈزەن بازىرى لەڭگەر مەھەللە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، ئائىلىمىزدە يەتتە جان بار، ئىلگىرى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە ئىدۇق، ھۆكۈمەت ئائىلىمىزگە ياردەم بېرىش - يۆلەش كادىرلىرىنى ئەۋەتتى، ئۇلارنىڭ ياردىمىدە ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى ئۆزگىرىشكە باشلىدى.

بىز ئىلگىرى كېسەك ئۆيدە ئولتۇراتتۇق، ھازىر ئىككى قەۋەتلىك بىنادا ئولتۇرىمىز. ھۆكۈمەت يەنە بىزگە نامراتلارنى يۆلەش كالىسى تارقىتىپ بېرىپ، باقمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىزغا ياردەم بەردى. بالىلار ئازادە، يورۇق دەرسخانىدا ئوقۇيدۇ، مەكتەپ يەنە ھەقسىز چۈشلۈك تاماق بېرىدۇ. كېسەل كۆرسەتسەك ئاتچوت قىلدۇرالايمىز، يەر تېرىساق ياردەم تولۇقلىمىسى بار، ياشانغاندا كۈتۈنۈشىمىز كاپالەتكە ئىگە... بىز دۆلەتنىڭ نۇرغۇن خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدۇق. ياردەم بېرىش - يۆلەش كادىرلىرىنىڭ ياردىمىدە، ئائىلىمىز نامرات ئائىلە دېگەن قالپاقنى ئېلىۋەتتى. مەن يەنە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ئاچقان تورت ياساش كۇرسىغا قاتنىشىپ، تورت ياساشنى ئۆگىنىپ، بىر ماھارەت ئىگىلىدىم. مېنى ئەڭ خۇشال قىلغىنى 2020 - يىلى 3 - ئايدا، ھۆكۈمەت مېنى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنىغا ئورۇنلاشتۇردى، ھەر ئايدا مۇقىم كىرىمىم بار. ھازىر، ھەميېنىمىز بارغانسېرى تومپىيىپ، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى بەختلىك ئۆتۈۋاتىدۇ.

قېيىنئانام بۇ يىل 86 ياشقا كىردى، ئۇ دائىم بىزگە شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۇ بىزگە ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى، كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگونىڭ بولمايدىغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. بىز شىنجاڭدا ياشاۋاتىمىز، بىز جۇڭگونىڭ مىللەت سىياسىتىدىن ئەڭ زور نەپكە ئېرىشكۈچىلەر، بىزنىڭ ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىمىز بار.

پومپېئو، سەن پاكىتنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىپ، كۆزۈڭنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىدىڭ. مەن سېنىڭ ئاق - قارا ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋېتىلگەن، پاكىت بۇرمىلانغان سەپسەتەڭگە قەتئىي لەنەت ئوقۇيمەن!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.