تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دىققەت «ئىككىنى قوغداش»قا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، سىياسىي نازارەتچىلىك يەنىمۇ كۈچەيتىلدى

− پولاتتەك ئىنتىزام بىلەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن

ئۆتكەن بىر يىلنى ئەسلەپ ئۆتسەك، ۋاقىت ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتقانلىقىغا پەۋقۇلئاددە ئىزاھات يازدى.

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلدى، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت جەھەتتىكى بېكىتىلگەن ئورنىنى باشتىن - ئاخىر چىڭ ساقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كونكرېتلاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ «ئىككىنى قوغداش»نى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پولاتتەك ئىنتىزام بىلەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىنى قوغدىدى.

چوڭ جەڭ، چوڭ سىناقتا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلدى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى قەيەرگىچە بارسا، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشمۇ شۇ يەرگىچە ئىزچىللاشتى.

بىر يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت جەھەتتىكى بېكىتىلگەن ئورنىنى چىڭ ساقلاپ، مەركەزنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چۆرىدىگەن ھالدا سىياسىي نازارەتچىلىكنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسەت - پەرمانلىرىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

2020 - يىلىنىڭ بېشىدا، تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» «ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جەھەتتىكى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» «ئىنتىزامنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ۋاقتىدا بېسىپ تارقىتىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ نۇرغۇن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن قۇرۇپ، بىرىنچى سەپكە چۆكۈپ، پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىدىن سىياسىي نازارەتچىلىكتىن ئىبارەت بۇ يادرونى تۇتۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، نىشان - ۋەزىپىسى، فاڭجېن - سىياسەتلىرى، ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلىرىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، تاللاپ قىلىش، ئۆزگەرتىپ قىلىش، يېرىم - يارتا قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارغا قارىتا ئىنتىزام ئىجراسى، قانۇن ئىجراسىنى چىڭىتىپ، دەل جايىدا جاۋابكارلىققا تارتىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «نازارەت قىلىدىغانلارنىڭ ئۈستىدىن نازارەت قىلىش»تىن ئىبارەت ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت جەھەتتىكى بېكىتىلگەن ئورنىنى چىڭ ساقلاپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتىكى يېرىم - يارتا قىلىش، تاللاپ قىلىش، ئۆزگەرتىپ قىلىش، كۆپتۈرمىچىلىك قىلىش قاتارلىق شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈزىتىپ، تۈزەپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ كەسپىي خىزمىتىدە ئاشكارىلانغان كونكرېت مەسىلىلەر ئارقىلىق، بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئارقىسىدىكى سىياسىي مەسىلىلەرنى بايقاپ، ئارقىسىدىكى مەسئۇلىيەت مەسىلىسىنى كەينىگە ياندۇرۇپ تەكشۈرۈپ، ئارقىسىدىكى ئىنتىزام، ئىستىل مەسىلىلىرىنى تېپىپ چىقىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى مۇكەممەل، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

«ئۈچنى پەرقلەندۈرۈش» «تۆت خىل ھالەت»نى دەل جايىدا قوللىنىپ، خاتالىقنى سىغدۇرۇش - خاتالىقنى تۈزىتىش، ئايدىڭلاشتۇرۇپ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق تۈزۈملەرنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى يېنىكلىتىش، جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىش، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش، جاۋابكارلىققا تارتىش»تىن ئىبارەت روشەن يۆنىلىش تۇرغۇزۇپ، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلدى.

بۇ بىر يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «ئالتىنى كاپالەتلەندۈرۈش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى قاتارلىقلارغا بولغان نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى باشتىن - ئاخىر كۈچەيتىپ، ئارىدىكى «توسۇق»لارنى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇپ، «تەكرارلىنىش»نى بۇزۇپ تاشلاپ، مالىيە، پۇل مۇئامىلە، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق يۆلەش سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، كۈچلۈك نازارەت قىلىش ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى.

ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر ئالاقىلىشىش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇلتۇر 10 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى «ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېقىن، پاك يېڭىچە ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئالاقىسىدىكى «بولىدۇ» ۋە «بولمايدۇ» تىزىملىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلارنىڭ ئالاقە چەك - چېگراسىنى ئايرىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىشتىكى «كۈچەش نۇقتىسى»نى توغرا تېپىپ، يېقىن ھەم چەكلىك، پاك ھەم نەتىجىلىك يېڭىچە ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەخسۇس ھەيدەكچىلىك قىلىش - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ھەققى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچ خاراكتېرلىك كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق 40 تۈرلۈك يۆلەش سىياسىتى خىزمەت تىزىملىكىگە سېلىشتۇرۇپ، تېلېفوندا ئەھۋال ئىگىلەش، ماتېرىيال تەكشۈرۈش، نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ قىيىنچىلىقى، ئارزۇ - تەلىپىنى ئىگىلەپ، كارخانا ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە، ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەردى؛ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى پۈتۈن ئوبلاست دائىرىسىدە ئۇنۋان كىنىشكىسى، كەسپىي سالاھىيەت كىنىشكىسىنى «ئارىيەت بېرىپ ھەق ئېلىش»نى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇردى؛ توقسۇ ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ياردىمىدە، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداش ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە خىزمەتنى كۈچەپ ئىشلىمىگەن، مەسىلە بىرقەدەر كۆپ بولغان يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى، مائارىپ - پەن - تېخنىكا ئىدارىسى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى قاتارلىق 12 ئورۇننىڭ «بىرىنچى قول رەھبەر»لىرىنى كوللېكتىپ چاقىرتىپ سۆزلىشىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتتى، پۇختىلىدى ...

بىر يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى يېۋىلىش، ئېلىۋېلىش، قىسىۋېلىش، تەلەپ قىلىش، پارا تەلەپ قىلىش، پارا ئېلىش قاتارلىق تىجارەت - سودا مۇھىتىغا زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، خىزمەت تەسىرىدىن پايدىلىنىپ ھوقۇق - پۇل سودىسى قىلىش، كارخانا ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەردىن پۇل ئۈندۈرۈۋېلىش، كارخانا تىجارىتىگە ئېغىر كاشىلا قىلىش قاتارلىق كارخانىلارغا چېتىشلىق چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، كۈچلۈك بولغان نازارەتچىلىك قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق سودا - تىجارەت مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قوغدىدى.

كۈچلۈك سىياسىي نازارەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىندى

2020 - يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى نازارەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش، ئىجرا قىلىش، ئىلگىرى سۈرۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىپ، دەل جايىدا نازارەت قىلىپ، پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچنى ئىشقا سېلىپ جەڭگە ئاتلىنىشىغا، ئىشلەشكە، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.

3 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئاپتونوم رايون بويىچە نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىنى مەخسۇس تۈزەشنى مۇستەھكەملەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش سەپەرۋەرلىك، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىدىن ئىنتىزامنى تۇتۇش، ئىستىلنى چىڭىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى ئىز قوغلاپ مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئۆزىگە تەتبىقلىدى، دىققەتنى ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى. يىغىندا «ئاپتونوم رايون بويىچە نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىنى مەخسۇس تۈزەشنى مۇستەھكەملەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ھەرىكەت لايىھەسى» بېسىپ تارقىتىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى نازارەت قىلىشتىكى «مەسئۇلىيەتنامە» ۋە «قۇرۇلۇش چېرتيوژى» ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. كەينىدىن تەشكىللەپ قۇرۇلغان سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئالتە ئايدا قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن ئون نامرات ناھىيەدە ئۈچ نۆۋەت سەييارە يېتەكچىلىك قىلىشنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، 343 يېتەكچى خاراكتېرلىك پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى نۇقتىلىق دېلودىن 22نى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلدى.

5 - ئايدا، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرى ئازاق يېزىسى بويامەت كەنتىنىڭ رېۋىزىيە ئۇچۇر خادىمى ئاينۇر مەمەت ئاممىنى زىيارەت قىلغاندا، كەنت ئاھالىسىنىڭ بۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئا XXنىڭ ئۇنىڭدىن تاپان ھەققى تەلەپ قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئىنكاسنى تاپشۇرۇۋالدى.

ئاينۇر بۇ مەسىلىنى يېزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلدى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئا XXنىڭ خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆي سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغان يەتتە دېھقاندىن 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تاپان ھەققى ئالغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا مەسىلىلەرنىڭمۇ بارلىقى ئىسپاتلاندى. ئاخىرىدا ئا XXكە پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى ھەم ئىنتىزامغا خىلاپ پۇل - ماللار قايتۇرۇۋېلىندى.

ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى «يىپ ئۇچى» ساقلاشنى «يىپ ئۇچى» ئىزدەشكە ئۆزگەرتتى، 2020 - يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزا - بازار (كوچا)لارغا ئەۋەتىلگەن 1067 مەمۇرىي تەپتىش ئىشخانىسى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى مەسىلە يىپ ئۇچىدىن 1300دىن ئارتۇقنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى مەسىلە يىپ ئۇچلىرىنى ھەرىكەت ھالىتىدە «نۆللەشتۈرۈش» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئايدا بىر قېتىم رەتلەپ، ھالقىلىق ساھە، ئاچقۇچلۇق ھالقا، ئاچقۇچلۇق ئىش ئورنى، ئاچقۇلۇق خادىملارنى كۆزلەپ، بىرى بايقالسا، بىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، قاتتىق تەكشۈرۈپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش، تېز تەكشۈرۈپ تېز ئاخىرلاشتۇرۇشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن مەسىلە يىپ ئۇچىنى ھەرىكەت ھالىتىدە «نۆللەشتۈرۈش»كە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مەسىلە يىپ ئۇچىنى تېگىدىن ئېنىقلاش، نۆللەشتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتتە «ئەمەلىي» بولماسلىق، تۈزىتىشتە «رەسمىيەتچىلىك» قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تەكلىپلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇش - ئىز قوغلاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، «كىم بېجىرسە، شۇ ئوتتۇرىغا قويۇش، شۇ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش» پىرىنسىپى بويىچە، ۋىۋىسكا ئېسىپ تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈشنى يولغا قويۇپ، مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشتۇرۇش، چاقىرتىپ سۆزلىشىپ ئەسكەرتىش، ئىز قوغلاپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، مەخسۇس تەكشۈرۈش، نۇقتىلىق ئارىلاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق شەكىللەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، تەۋسىيە بېرىلگەن پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئورۇنلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتتى، پۇختىلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىغا ئىنتىزام تەكشۈرۈش تەۋسىيەنامىسى چۈشۈرگەندىن كېيىن، نامراتلارنى يۆلەش سىستېمىسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشكە قارىتا لايىھەنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئۆتكىلىنى ئىگىلەش ھەم نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالاشتا ئارقىدا قالغان بەش ۋىلايەت، ناھىيەنىڭ ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولغان رەھبەرلىرىنى چاقىرتىپ سۆزلىشىپ، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يوچۇقلارنى توسۇشقا ئۈنۈملۈك ھەيدەكچىلىك قىلدى.

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەسىلە يىپ ئۇچىنى ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن ئورۇنلارنى ئىسمىنى ئاتاپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلارنى دىققەتنى «تۆتنى توختاتماسلىق»قا مەركەزلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە مەجبۇرلاپ، فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتۈپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تەۋسىيەنامىسى قاتارلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، مەسئۇل ئورۇنلارنىڭ تۈزىتىشنى تۇتۇش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تۈزۈم بوشلۇقى، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتىكى قاراڭغۇ رايون، ئىجرا قىلىشتىكى يوچۇقلارنى تۈگىتىپ، ھوقۇق ئىجارىكەشلىكى بوشلۇقىنى ئەڭ زور چەكتە تارايتتى.

ئاۋات ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش فۇنكسىيەلىك تارماقلىرىنىڭ 14 ئاساسلىق مەسئۇلى بىلەن كوللېكتىپ چاقىرتىپ سۆزلىشىشنى قانات يايدۇردى، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغان سەككىز تىپىك دېلو مىسالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى ھەرقايسى ئورۇنلاردا ساقلانغان مەسىلە، كەمچىلىكلەرنى بىۋاسىتە ئاشكارىلاپ، يۈز - خاتىر قىلمىدى، نەق مەيداندىكى فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يىڭنە ئۈستىدە ئولتۇرغاندەك بولدى.

بىر قولدا تازىلاشنى، بىر قولدا تۈزەشنى تۇتتى. 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىشى ھەم «قايتا قاراپ چىقىشى»، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالىشى، باش تېما تەربىيەسى بويىچە تەكشۈرۈپ - كۆزىتىش ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى شىنجاڭ جايىدا تولۇق تۈزىتىپ، ھەممىسىنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك ئىنتىزام كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

«ئىككىنى قوغداش» نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ ھەربىر ھالقىسىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى

بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلەرنى سىياسىي ئىنتىزام نۇقتىسىدىن كۆزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق دېلولارنى تەكشۈرۈپ بېجىرىشتە سىياسىي ئىنتىزامدىن باشلاپ تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، سىياسىي نازارەتچىلىك بىلەن قاراپ چىقىش - تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام، سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىشنى كونكرېت ئادەم ۋە ئىشلارغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرىنىڭ سىياسىتى بولسا، تۆۋەننىڭ تەدبىرى بولۇش، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلماسلىق، چەكلىسىمۇ بويسۇنماسلىق قىلمىشلىرىنى قەتئىي تۈزەتتى.

2020 - يىلى 9 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئەترەت باشلاپ، قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ مەركىزىي رايونىغا چوڭقۇرلاپ كىرىپ، مەركەز مۇھىت قوغداشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنىڭ تۈزىتىلىش ئەھۋالىغا قايتا قاراپ چىقتى. «ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قوغداشنى مەخسۇس نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى بەنزىلىرىنىڭ ئەزالىرىدىن ئەترەت باشلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسىنى بىر قېتىم ھەر تەرەپلىمە تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى دىققەتنى ئون جەھەتتە نازارەت قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پىكىر چىقىرىپ ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ ئاچقۇچلۇق جايلارنى باشقۇرۇش، ئاچقۇچلۇق ئىشلارنى باشقۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۇرۇشقا ئەۋەتىپ نازارەت قىلىش، كۆزىتىپ، تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىش قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىنىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ «ئۈچ مۇھىم، بىر كۆپ»تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى كۈندىلىك نازارەت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، سىياسىي ئېكولوگىيەگە تەھلىل قىلىپ، تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ «بىرىنچى قول رەھبەر»لەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى توغرا ئادا قىلىشى، ھوقۇق ئىشلىتىشنى قېلىپلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

سىياسىي نازارەتچىلىكنىڭ ئۈنۈمىنىڭ بولغان - بولمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئاچقۇچلۇقى كۈندىلىك خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈلگەن - سىڭدۈرۈلمىگەنلىكىگە، دائىملاشقان - دائىملاشمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى «تۆت خىل ھالەت»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش چارىسى ھەمدە پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ «بىرىنچى خىل ھالەت»نى قوللىنىشىغا ئالاقىدار يولغا قويۇش چارىسى قاتارلىق تۈزۈملەرنى بېسىپ تارقاتتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى «تۆت خىل ھالەت»نى توغرا ئىگىلەپ، قوللىنىپ، بولۇپمۇ بىرىنچى خىل ھالەتنى ئەمەلىي، جانلىق قوللىنىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، دائىم نەسىھەت قىلدى، پات - پات ئەسكەرتىپ تۇردى.

«تەشكىلنىڭ مېنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇپ، تېخىمۇ چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈشىمنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىغا رەھمەت.» يېقىندا ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۇنۋان باھالاش خىزمىتىگە قول تىقىپ ئارىلىشىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يوپۇغا ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ 3 - ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى بىلەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئاممىنى زىيارەت قىلىش، ئايرىم سۆھبەتلىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق لياڭ Xنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاشقا قول تىققانلىق مەسىلىسىنى بايقىدى، ئۇنىڭ بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭ ۋاقتىدا ئۆزىنى تىزگىنلىۋېلىشىغا ياردەم بەردى.

ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈپ، پات - پات ئەسكەرتىش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاۋۋال يولغا قويۇپ، «قوزغالمىغان كېسەلنى داۋالاش»، بۇ خىل نازارەت قىلىش خىزمىتى ھازىر تەدرىجىي نورمال ھالەتكە ئايلاندى.

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى مۇھىم تۈگۈن نۇقتىلارنى چىڭ كۆزلەپ، سىجىل كۈچەپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، «تۆت خاھىش»قا يوشۇرۇنىدىغان جاي قويمىدى. 2020 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن جەمئىي7023ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، 7676 پارتىيەلىك كادىر بىر تەرەپ قىلىندى، 4571 ئادەمگە پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى، مەمۇرىي جازا بېرىلدى.

ھەربىر سانلىق مەلۇماتنىڭ ئارقىسىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرىنىڭ قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا ئاخىرغىچە چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالايدىغان يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاش، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسى، نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى بار.

بوران - چاپقۇنلۇق مۇساپىدە، بىز 2020 - يىلى بىلەن خوشلىشىپ، 2021 - يىلىنى كۈتۈۋالدۇق. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پۇختىلىق، ئەستايىدىللىق بىلەن غەيرەت قىلىپ ئىشلەش جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.