تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

بىر ئۆمۈر ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە كۈرەش قىلىشىم سىزگە جاھاندىكى باياشات تۇرمۇشنى ئاتا قىلىش ئۈچۈندۇر

− 7- فېۋرال خاتىرە مۇنارىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ شو

«شەرق قىزاردى، كۈن چىقتى...» يېقىملىق «شەرق قىزاردى» ناخشا ساداسى ئاياغلىشىپ، دەل ۋاقتىدا چېلىنغان قوڭغۇراق ئاۋازى جېڭجوۋدىكى يېگانە قەد كۆتۈرگەن، تۇتاش گەۋدىلىك، قەدىمىي يوسۇندا ياسالغان بىر قوش مۇنارنىڭ چوققىسىدىن تارقىلىپ، ئەتراپتىكى قاتار كەتكەن ئېگىز بىنالار ئارىسىدا ئەكس سادا ھاسىل قىلدى. بۇ ئېگىز بىنالارغا سېلىشتۇرغاندا، 63 مېتىر كېلىدىغان بۇ مۇنار ئانچە بەك «قامەتلىك» كۆرۈنمەيتتى، جېڭجوۋنىڭ ئۇزاق تارىخىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ مۇنار يەنە ناھايىتى «ياش» كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇ جېڭجوۋدىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش، شۇنداقلا جېڭجوۋلۇقلارنىڭ مەنىۋى مۇنارى بولۇپ، بۇ دەل − جېڭجوۋدىكى 7 - فېۋرال خاتىرە مۇنارى.

«7 - فېۋرال مۇنارىغا بارمىغانلىق جېڭجوۋغا بارمىغانغا باراۋەر.» مۇشۇنىڭدىن 7 - فېۋرال خاتىرە مۇنارىنىڭ جېڭجوۋلۇقلارنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى تولۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ھالبۇكى، 7 - فېۋرال رايونى، 7 - فېۋرال يولى، 7 - فېۋرال مەيدانى، 7 - فېۋرال سودا چەمبىرىكى... قاتارلىق ناملارمۇ بۇ شەھەرنىڭ بىر بۆلەك تارىخ بىلەن ئۈزۈلمەس باغلىنىشى بارلىقىنى ئۈن - تىنسىز بايان قىلىپ بېرىدۇ.

«بۇ تامدىكى قاپارتما نەقىشتە ئەينى چاغدىكى بېيجىڭ - خەنكوۋ تۆمۈريولى باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى قۇرۇش يىغىنىنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنۈشى قايتا نامايان قىلىنغان...» دېدى جېڭجوۋ 7 - فېۋرال خاتىرە سارىيى جەمئىيەت تەربىيەسى بۆلۈمىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى چېن مو.

جېڭجوۋ بېيجىڭ - خەنكوۋ، لەنجوۋ - ليەنيۈنگاڭدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۆمۈريولنىڭ كېسىشكەن جايىغا جايلاشقان، تۆمۈريول ئىشچىلىرى مەركەزلەشكەن بولۇپ، بۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرغان مۇھىم جاي. 1920 - يىلى 10 - ئايدا، لى داجاۋ بېيجىڭدا كوممۇنىزم گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، تۆمۈريول لىنىيەسىنى بويلاپ ئىشچىلار ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان. 1922 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، بېيجىڭ - خەنكوۋ تۆمۈريول لىنىيەسى بويىدا 16 شۆبە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلۇپ، باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇشقا ئاساس سېلىنغان.

1923 - يىلى 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سەھەردە، ھەرقايسى جايلارنىڭ ۋەكىللىرى جېڭجوۋغا يىغىلىپ، جېڭجوۋ ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى قۇرۇش يىغىن مەيدانى − پۇلېيۈەنگە قاراپ ئىلگىرىلىگەن.

ئەكسىيەتچىل ھەربىي، ساقچىلار مىلتىقلىرىنى بەتلەپ، خۇددى چوڭ دۈشمەنگە دۇچ كەلگەندەك تەييارلانغان. تولۇق قوراللانغان دۈشمەن ئالدىدا، ۋەكىللەر قىلچە قورقماستىن، ھەربىي، ساقچىلارنىڭ مۇھاسىرە چەمبىرىكىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، يىغىن مەيدانىغا بۆسۈپ كىرگەن. تەنتەنە ۋە شوئار سادالىرى ئىچىدە، جېڭجوۋ شۆبە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كومىتېت باشلىقى گاۋ بىن ئۈنلۈك ئاۋازدا بېيجىڭ - خەنكوۋ تۆمۈريولى باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان.

2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى كەچتە، باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مەخپىي ھالدا جىددىي يىغىن ئېچىپ، كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى پۈتۈن لىنىيە بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلاشنى قارار قىلغان.

بېيجىڭ - خەنكوۋ تۆمۈريولى باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا قارىتا، مىلىتارىست ۋۇ پېيفۇ قورال كۈچى ئىشلىتىپ ئىشچىلارنى باستۇرۇشنى قارار قىلغان.

2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، جېڭجوۋ شۆبە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىشچىلىرى ماشىنىسازلىق زاۋۇتىنىڭ كۆمۈر سۇپىسىغا يىغىلغان، گاۋ بىن ئۈچ باشلىق گۈدۈكنى چېلىپ، ئىش تاشلاشنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىغان. ئارقىدىن، جياڭئەندە سائەت 10دىن باشلاپ، چاڭشىنديەندە سائەت 11دىن باشلاپ، ئىلگىرى - كېيىن ئىش تاشلانغانلىقى جاكارلانغان. ئۈچ سائەت ئىچىدە، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان 1000 كىلومېتىردىن ئارتۇق بېيجىڭ - خەنكوۋ تۆمۈريولى لىنىيەسىدە، 30 مىڭ ئىشچى باش ئىتتىپاقنىڭ چوڭ ئىش تاشلىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان.

2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ۋۇ پېيفۇ كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ مەدىتى بىلەن 20 مىڭدىن ئارتۇق ھەربىي، ساقچىنى ئىشقا سېلىپ، ئىش تاشلىغان ئىشچىلارنى قانلىق باستۇرۇپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنى زىلزىلىگە سالغان «7 - فېۋرال پاجىئەسى»نى پەيدا قىلغان. شى ياڭ، لىن شياڭچيەن، گاۋ بىن قاتارلىق 52 يولداش قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، 300دىن ئارتۇق كىشى ئېغىر يارىلانغان، 1000دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىن ھەيدىلىپ، سەرسان - سەرگەردان بولغان.

«7 - فېۋرال پاجىئەسى»دىن كېيىن، بېيجىڭ - خەنكوۋ تۆمۈريولى لىنىيەسى بويىدىكى ئىشچىلار ھەرىكىتى ۋاقتىنچە پەسكويغا چۈشكەن، لېكىن ئىشچىلار پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چېكىنمىگەن، ئۇلار بەدىنىدىكى قان ئىزلىرىنى سۈرتۈۋېتىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئاياغ ئىزىنى بېسىپ، يەنە يېڭى كۈرەشنى باشلىغان. 1924 - يىلى 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، مەملىكەتلىك تۆمۈريول باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەسمىي قۇرۇلغان.

جېڭجوۋ شۆبە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ۋاڭ شېڭيوۋ جېڭجوۋ شۆبە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كومىتېت باشلىقلىقىغا سايلانغان، سى ۋېندې ئىشچىلار ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ ئىشچىلار باش ۋەكىللىكىگە سايلانغان، ئۇلار ئىككىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، 1926 - يىلى 7 - ئايدا مەخپىي كۈرەش قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، دائىم كېچىدە رېلىستىكى شىپاللارنى بوشىتىۋېتىپ، كۆۋرۈكلەرنى كۆيدۈرۈپ، فېئودال مىلىتارىستلارغا كۈچلۈك زەربە بەرگەن. 1926 - يىلى 10 - ئاينىڭ 6 - كۈنى بۇ ئىككىيلەن قولغا ئېلىنىپ، 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى جېڭجوۋدىكى چاڭچۇن كۆۋرۈكىدە ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.

يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىلگىرىكى ئازاب - ئوقۇبەتكە تولغان جايلار بۈگۈنكى كۈندە يېڭى تۈسكە كىردى.

«1951 - يىلى جېڭجوۋ شەھىرى يوللارنى يېڭىلىغاندا چاڭچۇن كۆۋرۈكىنىڭ كونا ئورنىنى 7 - فېۋرال مەيدانى قىلىپ كېڭەيتىپ ياسىغان. ئەينى چاغدا مەيدان ئىچىگە بىر ياغاچ مۇنار ياسالغان بولۇپ، 1971 - يىلى ياغاچ مۇنار ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. بېيجىڭ - خەنكوۋ تۆمۈريولى ئىشچىلار ھەرىكىتىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، جېڭجوۋ شەھەرلىك ھۆكۈمەت شۇ يىلى ئەسلىدىكى ئورۇنغا 7 - فېۋرال خاتىرە مۇنارى ياسىغان. 7 - فېۋرال خاتىرە مۇنارى پۈتكەندىن كېيىن ئىزچىل جېڭجوۋ شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت تارقىتىشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە ماڭدى، نۇرغۇن سودا - سانائەت كارخانىلىرى 7 - فېۋرال مۇنارىنى تاۋار ماركىسى قىلىپ رويخەتكە ئالدۇردى، 7 - فېۋرال خاتىرە مۇنارى ئەتراپىنى چۆرىدىگەن 7 - فېۋرال رايونى، 7 - فېۋرال يولى، 7 - فېۋرال سودا چەمبىرىكى... بۇنىڭدىن 7 - فېۋرال خاتىرە مۇنارىنىڭ جېڭجوۋلۇقلارنىڭ قەلبىدىكى مۇھىم ئورنىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 7 - فېۋرال خاتىرە مۇنارى جېڭجوۋنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشىغا ئايلىنىپلا قالماي، يەنە جېڭجوۋلۇقلارنىڭ قەلبىدىكى مەنىۋى مۇنارغا ئايلاندى» دېدى چېن مو چۈشەندۈرۈپ.

بۈگۈنكى كۈندە، 7 - فېۋرال خاتىرە مۇنارىنىڭ چوققىسىدا تۇرۇپ ئەتراپقا نەزەر سالغاندا، كۈندۈزى قاينام - تاشقىنلىققا تولغان، كېچىسى چىراغلار چاقناپ تۇرىدىغان ھازىرقى زامان سودا شەھىرىنىڭ ئاۋات مەنزىرىسىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.

جېڭجوۋدىكى 7 - فېۋرال خاتىرە مۇنارى دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ تارىخىي ئەسلىمىلەرنى ئېلىپ، قىزىل گېننى نەقىش قىلىپ ئويدى، 1971 - يىلى پۈتكەندىن بۇيان، ئۇ خۇددى بىر مويسىپىت كىشىگە ئوخشاش جېڭجوۋدىن ئىبارەت بۇ شەھەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىگە گۇۋاھ بولدى ھەم ئۇ ۋەكىللىك قىلىدىغان «7 - فېۋرال روھى»مۇ جېڭجوۋلۇقلار ئارىسىدا ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىندى.

«ئىنقىلابىي قۇربانلار ئىسسىق قېنى ئارقىلىق بىزنى تىنچ، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى، بىز تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، ئەجدادلارنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماي، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىش، شەخسىيەتسىز، قورقماس روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەتىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقايلى...» چېن مونىڭ سۆزى ئاياغلىشىشى بىلەنلا، مۇنار چوققىسىدىن يەنە «شەرق قىزاردى» ناخشا ساداسى ئاڭلاندى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جېڭجوۋ، 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى