تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ساداقەتمەن ساقچى روھى بىلەن خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش

− ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئالاھىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتى توغرىسىدا

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن

يۇقۇمدا، ئۇلار بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەممە ئائىلىلەرنى ئۈن - تىنسىز قوغداپ، ماددىي ئەشيا تىرانسپورتىنىڭ «جان تومۇرى»غا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ سەپەردىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بەردى. ئۇلار جان تىكىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق بىر شەھەرگە ئىللىقلىق ئېلىپ كەلدى. ئۇلار ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ − ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئالاھىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتى.

پارتىيە ئەزالىرى ئالدىدا مېڭىپ، بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملىدى

«بۇ مەيدان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى پارتىيە بىلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن قەلبداش بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك، ھەرقايسى تارماقلار بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن جامائەت خەۋپسىزلىكى كۈچىنى تەقدىم قىلدى.» 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، جوۋ گويۈنىڭ دېيىشىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى سېپىدىكى پېشقەدەم ئەسكەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئۆزى تۇرۇشلۇق قوشۇننىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەنلىكىدىن ناھايىتى ھاياجانلىنىپتۇ.

جوۋ گويۈ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئالاھىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، چوڭ ئەترەت باشلىقى، بۇ يىل 49 ياشقا كىرگەن ئۇنىڭ چاچلىرى پۈتۈنلەي ئاقىرىپ كەتكەنىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ باشتىن - ئاخىر خەلق ساقچىلىرىنى باشلاپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە غەلىبە قىلىشقا ئىشەنچىم ۋە ئىرادەم بار».

جوۋ گويۈ مۇنداق دېدى: «ئەينى ۋاقىتتا بىز بىرىنچى بولۇپ <يىغىلىش سىگنالى>نى چالدۇق، 47 نەپەر خەلق ساقچىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە قاتنىشىش ئىلتىماسى تاپشۇردى، بارلىق خەلق ساقچىلىرى دەم ئېلىشنى بىكار قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىگە ئاتلاندى».

2020 - يىلى 7 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن يۇقۇم كۆرۈلگەندىن كېيىن، تىيانشان رايونى خەۋپ - خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى رايون قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. ئالاھىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتى ئالاھىدە ساقچى، سەھىيە - ساغلاملىق قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىللە تىيانشان رايونىدىكى تۆت ئاساسلىق يول ئېغىزى ھەم تۇدۇڭخابا تەكشۈرۈش پونكىتىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، كېلىپ كېتىۋاتقان ئاپتوموبىل، ئادەملەرنى تاسقاپ تەكشۈرۈش، تىزىملاش، تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش ۋە دېزىنفېكسىيەلەشنى ئەستايىدىل، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، جەمئىي 11 مىڭ ئاپتوموبىلنى تەكشۈرۈپ، مەركىزىي شەھەرنىڭ غەربىي دەرۋازىسىنى ساقلىدى.

«چوڭ ئەترەتنىڭ خەلق ساقچىسى جياڭ كۈن ئاغرىپ قالغان بولۇپ، شۇ چاغدا دوختۇرخانىدا يېتىپ قايتا تەكشۈرتۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتى، ئۇ داۋالىنىشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈپ، بىرىنچى سەپتىكى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئاتلاندى. خەلق ساقچىسى گۇ شاۋپېڭنىڭ خوتۇنى تۇغقاندا، خەلق ساقچىسى نۇر پولاتنىڭ ئاپىسى ئوپېراتسىيە قىلىنغاندا، ئۇلار ھالىدىن خەۋەر ئالالمىدى، تەكشۈرۈش پونكىتىدا ئىزچىل چىڭ تۇردى...» جوۋ گويۈ مۇنداق دېدى: بىرمۇ ئادەم چېكىنمىدى، بىرمۇ ئادەم قىيىنچىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويمىدى، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، كۆپچىلىكنىڭ پەقەت بىرلا ئېتىقادى بار، ئۇ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەسئۇلىيەت، قوغداشنىڭ ئۆزى غەلىبە.

تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، يېشىل يولنى راۋانلاشتۇردى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، «تەمىنلەش لىنىيەسى» دەل «ھاياتلىق لىنىيەسى» بولۇپ، يول ئېچىپ مۇھاپىزەت قىلىپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئالاھىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتىدىكىلەرنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسىگە ئايلاندى.

2020 - يىلى چاغاننىڭ 7 - كۈنى، چوڭ ئەترەت يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى يۆتكەپ توشۇش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، جوۋ گويۈ بەش خەلق ساقچىسىنى باشلاپ، كېچىلەپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ قورغاس پورتىغا بېرىپ، كېچە - كۈندۈز نۆۋەتچىلىك قىلىپ، تۈركۈمگە بۆلۈپ مال تاپشۇرۇۋېلىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە ياردەملىشىپ، تاموژنا، ۋوگزالغا ماسلىشىپ ماددىي ئەشيالارنى يۆتكەپ توشۇدى. ئۇلار ھارغاندا ساقچى ئاپتوموبىلىدا ئازراق كۆز يۇمۇۋالدى، قورسىقى ئاچقاندا تەييار چۆپ يېدى، ئون كۈندە تۆت تۈركۈم، قېتىمغا بۆلۈپ، 1 مىليون 500 مىڭ ماسكا، 149 مىڭ يۈرۈش مۇداپىئە كىيىمىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، يۆتكەپ توشۇپ، ئەينى چاغدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى قىس بولۇش ئەھۋالىنى پەسەيتتى.

2020 - يىلى 7 - ئايدا، قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئۈرۈمچىگە ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى شىڭشىڭشيا تەكشۈرۈش پونكىتىغا يېتىپ كەلگەندە، ئالاھىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتىدىكىلەر بىرىنچى ۋاقىتتا يول باشلاپ ئۈرۈمچىگە بىخەتەر يەتكۈزۈلدى. بېيجىڭ، ۋۇخەننىڭ تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدىكىلەر تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغاندا يەنە ئۇلار پۈتۈن مۇساپە بويىچە مۇھاپىزەت قىلىپ ئاپىرىپ قويدى.

شۇ ۋاقىتتا، ئالاھىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتى جەمئىي 162 قېتىم يول باشلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتى مۇساپىسىگە كېتىدىغان ۋاقىتنى زور دەرىجىدە تېجەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي قانات يايدۇرۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. چوڭ ئەترەت يەنە تۆت نەپەر خەلق ساقچىسىنى ئاجرىتىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى يۆتكەپ توشۇشى ۋە تەڭشەپ ئاجرىتىشىغا پۈتۈن مۇساپىلىك ياردەملىشىپ، ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەرگە 340 قېتىمدىن ئارتۇق ماددىي ئەشيا يۆتكەپ بەردى، ئومۇمىي ماددىي ئەشيا سانى 700 مىڭدىن ئېشىپ، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى.

«بۇلتۇر قۇربان ھېيتنىڭ ئالدىدا، بىز خەلق ساقچىلىرىنى شەھەرلىك سودا ئىدارىسىگە ياردەملىشىشكە ئەۋەتىپ، كېچىلەپ بەش قېتىم بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىگە بېرىپ، 12 مىڭ تۇياق قوي يۆتكەپ كېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ھېيتتا خاتىرجەم گۆش يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق» دېدى جوۋ گويۈ.

مەيلى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ماددىي ئەشيالارنى توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىشقا مەدەت بېرىشتە بولسۇن، ياكى جىددىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا بولسۇن، قەيەر ئېھتىياجلىق بولسا، ئۇلار شۇ يەردە پەيدا بولدى، ساقچى بەلگىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە باشتىن - ئاخىر چاقنىدى.

قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم بېرىپ، خەلقنى كۆزلەش ئەسلىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى

2020 - يىلى 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شوپۇر ليۇ باۋيىڭ خېنەن ئۆلكىسىدىن ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ ئۈرۈمچىگە كېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە ئۆزىگە ياردەم بەرگەن ئالاھىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتىنىڭ قاتناش ساقچىسى ما لىۋېي، لى دۇڭلارغا «باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان يېڭى كەيپىيات، خەلقنىڭ ياخشى ساقچىلىرىغا رەھمەت» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لەۋھەنى تەقدىم قىلدى.

شۇ يىلى 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ليۇ باۋيىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەپ خېنەندىن سانجى شەھىرىگە مېڭىپ، تۇدۇڭخابا ھەق ئېلىش پونكىتىغا كەلگەندە ئاپتوموبىلنىڭ چاقى ئېتىلىپ كەتكەن. ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ما لىۋېي بىلەن لى دۇڭ ياردەم تەلىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال چاقنى چىقىرىپ رېمونتخانىغا ئاپىرىشقا، رېمونت قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئورنىتىشقا ياردەم بەرگەن، يەنە ليۇ باۋيىڭغا ناشتىلىق ۋە يولدا يېيىشكە قولايلىق يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ بەرگەن.

ئالاھىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتىدىكى خەلق ساقچىلىرى باشتىن - ئاخىر خەلق ساقچىلىرى خەلقنى كۆزلەيدۇ دېگەن ئەسلىي مەقسەتكە ئەمەل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەربىر كىچىك ئىشقا مېھىر - مۇھەببەتنى مۇجەسسەملەپ، ئۆتكەن - كەچكەن يولۇچىلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.

2020 - يىلى 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا گەنسۇدىن قەشقەرگە قاراپ كېتىۋاتقان بىر پىكاپنىڭ ئوتى ئۆچۈپ قالغاندا، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىسى ۋاڭ تاۋ شوپۇرغا ياردەم قىلىپ ئاپتوموبىلنىڭ كاشىلىسىنى ئوڭشاپ بەردى. 2 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، خەلق ساقچىسى ۋاڭ دۇڭ، ۋاڭ تاۋ ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا، ياردەم تەلەپ قىلغان ئاپتوموبىل ئىگىسىگە ئۇچراپ قېلىپ، ئاپتوموبىل ئىچىدىكى جىددىي ئىشلىتىدىغان ناسوسنى چىقىرىپ، ئاپتوموبىل ئىگىسىگە ياردەملىشىپ چاققا لىق يەل ئۇرۇپ بەردى.

2020 - يىلى 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئالاھىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتىدىكى خەلق ساقچىسى لى جې چارلاۋاتقان مەزگىلىدە بىر ئاغرىق بالىنى بالىلار دوختۇرخانىسىغا جىددىي ئاپىرىش توغرىسىدىكى ياردەم تەلىپىنى تاپشۇرۇۋالغان، ئۇ يول بويى ساقچى ماشىنىسىدا يول باشلاپ بىرىنچى ۋاقىتتا يەتكۈزگەن. دوختۇرخانىغا بارغاندىن كېيىن، بالىنىڭ ئانىسى جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكتىن، بالىسىنى كۆتۈرەلمەي قالغان، لى جې بالىنى كۆتۈرۈپلا جىددىي داۋالاش ئۆيىگە ئەكىرىپ، بالىنى قۇتقۇزۇپ داۋالاش ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرگەن.

«بىر ساقچى ئاپتوموبىلى بىر ماياك، بىر خەلق ساقچىسى بىر بايراقدار.» قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان كىچىك ئىشلار ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، ساقچىلار بىلەن خەلقنىڭ «بېلىق بىلەن سۇدەك رىشتى» يىمىرىلمەس يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مۇداپىئە لىنىيەسى بەرپا قىلدى.

«پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىشەنچى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئىشەنچى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ. بىز چوقۇم شەرەپنى قەدىرلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشىمىز!» دېدى جوۋ گويۈ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى