تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى مۇساپىنى باشلاش، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت ۋە قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى

يېڭى مۇساپىنى باشلاش، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت ۋە قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، خىزمەتلەر خۇلاسىلىنىپ، ۋەزىيەت تەھلىل قىلىنىپ، بۇ يىللىق تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتى تەتقىق قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۈن خۇڭمېي مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى چۆرىدەپ، يۆنىلىش يېتەكچىلىكىنى پۇختا ئىگىلەپ، كۈچەپ كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى مۇساپىنى باشلاش، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت ۋە قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدىكى يۆلەنچۈكنى مۇستەھكەملەش؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش تەشۋىق - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، «بەشتە ياخشى» كۆتۈرەڭگۈ مېلودىيەسىنى ياڭرىتىش؛ باش تېما تەشۋىقاتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ توپلاش؛ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش؛ دەۋر يېڭى ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش؛ شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭ ئوبرازىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستېرېئولۇق نامايان قىلىش؛ قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە يېڭى دەۋردىكى تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدار، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى