ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى يىغىنى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىلدى
ئىقتىسادىي تەپتىشنىڭ نازارەتچىلىك ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىش كېرەك
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىر خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى يىغىنى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى؛ دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەشكىللەش، يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، 2021 - يىللىق تۈرلۈك ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، مۇھىم، زور سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مالىيە باشقۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاش، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق توققۇز جەھەتنى چۆرىدەپ، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەپتىشتە يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۈنۈملۈك ئىقتىسادىي تەپتىش شەكلى، ئۇسۇلى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش كۈچىنىڭ ماسلىشىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش تۈرى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش تەشكىلىي ئۇسۇلىدىن ئىبارەت «ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنىڭ ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك. ھەرقايسى ۋىلايەتلىك (ئوبلاستلىق، شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى زورايتىپ، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەپتىش بويىچە تۈزىتىشتە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي قۇرۇلۇشنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەپتىش كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئېتىقادى مۇستەھكەم، كەسىپتە پىشقان، ئىستىلى ئەمەلىيەتچىل، پاك - دۇرۇس بولغان يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ئىقتىسادىي تەپتىش كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادىي تەپتىشنىڭ نازارەتچىلىك ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىقتىسادىي تەپتىشنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.