تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

(2021- يىلى 1- ئاينىڭ 24- كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى 2021 - يىلى 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 133 ئەزاسى قاتناشتى، 253 كىشى سىرتتىن قاتناشتى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئومۇمىي يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، 2020 - يىللىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتى خۇلاسىلىنىپ، 2021 - يىللىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، يولداش جاۋ لېجىنىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن «يېڭى دەۋردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەيلى» دېگەن تېمىدىكى خىزمەت دوكلاتى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

ئومۇمىي يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈلدى. بىردەك مۇنداق قارالدى: سۆزدە ئۆتكەن بىر يىلدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى مۇھىم، زور نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىلىرى چوڭقۇر شەرھلىنىپ بايان قىلىندى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن سىياسىي جەھەتتىن قاراپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى بىر دەقىقىمۇ توختاتماي ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكلەش، كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۈچلۈك سىياسىي نازارەتچىلىك ئارقىلىق، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش تەكىتلەندى. سۆزدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، ئۇنىڭدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك نەزەرى، باشتىن - ئاخىر بىردەك بولۇشتەك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقى، خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەشتەك يۈكسەك مەنزىلى، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش بۇرچ ھېسسىياتى تولۇق نامايان قىلىنغان، ئىنتايىن كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم مىزان، يېڭى دەۋردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلار قوشۇنىدىن سەمىمىي ئۈمىد كۈتۈپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى بىلىشنى قەلبكە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ھەرىكەتتە كۆرسىتىپ، قەتئىي تۈردە ئومۇمىي يىغىندا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2020 - يىلى چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت، مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى، بولۇپمۇ تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەرقانداق قىيىنچىلىققا باش ئەگمەي ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرى قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەپ، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن «ئىككىنى قوغداش»تىن ئىبارەت مۇھىم، زور مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، قەتئىي، پۇختا بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش قاتارلىق چوڭ جەڭ، چوڭ سىناقلاردا ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن تولۇق ئادا قىلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى زىچ چۆرىدەپ سىياسىي نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى سىجىل تۈزەپ، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىكنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. سىياسىي جەھەتتىن كۆزىتىشنىڭ بېكىتىلگەن ئورنىنى چىڭ ساقلاپ، كۆزىتىش - تۈزىتىش ۋە نەتىجىدىن پايدىلىنىشنى ياخشى تۇتۇپ، كۆزىتىش - تەكشۈرۈشتە يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەخسۇس مەسئۇل بولۇپ نازارەت قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى باشقا نازارەتچىلىك بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىرىنچى قول»نى نازارەت قىلىش ۋە تەڭ دەرىجىلىكنى نازارەت قىلىش قىيىن مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي مەسىلە ۋە ئىقتىسادىي مەسىلە گىرەلىشىپ كەتكەن چىرىكلىك دېلولىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پۇل مۇئامىلە، دۆلەت كارخانىلىرى، سىياسىي - قانۇن قاتارلىق ساھەلەردىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۈچەپ ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى تۈزەپ، «تۆت خىل ھالەت»نى دەل جايىدا قوللىنىپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۆز - ئۆزىنى چەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نازارەتچىلىكنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، «چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ» بولۇشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. ئومۇمىي يىغىندا ئۆتكەن بىر يىللىق ئەمەلىيەت داۋامىدا شەكىللەنگەن تونۇش خۇلاسىلەندى، نەتىجىلەر مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈش بىلەن بىللە، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدا ساقلىنىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلىلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا تەھلىل قىلىندى، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش، ھەقىقىي تۈردە كۈچەپ ھەل قىلىش تەلەپ قىلىندى.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2021 - يىلى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلغان، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلانغان تۇنجى يىل، شۇنداقلا پارتىيەمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە ئاساسىي قانۇندا يۈكلەنگەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى چوڭ ۋەزىيىتىنى چۆرىدەپ نازارەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش، ئىجرا قىلىش، ئىلگىرى سۈرۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باش تېمىسىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، ئامما ئەتراپىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى تۈزەشنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، نازارەت قىلىش، تۈزىتىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشنى، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىغا تېخىمۇ ياخشى سىڭدۈرۈپ، تېخىمۇ چوڭ ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى قويۇپ بېرىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشتا مۇھىم رول ئوينىشى كېرەك.

بىرىنچى، ئاڭلىق ھالدا «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كۈچلۈك سىياسىي نازارەتچىلىك ئارقىلىق «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى قوللىنىپ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش، ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، بىخەتەر تەرەققىيات تۆۋەن چېكىنى ساقلاش قاتارلىق مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى چۆرىدەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى ئۆز ئالدىغا كونترول قىلغىلى بولۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىسىدا چىڭ تۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش قاتارلىق ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلەرنى چۆرىدەپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ ئىدىيەسى، پىكىر يولى، تۈزۈمى، مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە ۋە ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

ئىككىنچى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سىياسىي مەسىلە بىلەن ئىقتىسادىي مەسىلە گىرەلىشىپ كەتكەن چىرىكلىك دېلولىرىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، دىققەتنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقى زور، سېلىنمىسى زىچ، بايلىق مەركەزلەشكەن ساھە ۋە ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى، ئاممىۋى بايلىق سودىسى، پەن تەتقىقاتنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى سىجىل جازالاپ، سىياسىي قانۇن سىستېمىسىدىكى چىرىكلىكنى جازالاش سالمىقىنى زورايتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بويىچە خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە خەلقئارا قېچىپ يۈرگەنلەرنى قوغلاپ تۇتۇش، زاڭ مالنى قايتۇرۇپ كېلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېلو ئارقىلىق ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېلو ئارقىلىق تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پۇختا ئىشلەش كېرەك.

ئۈچىنچى، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق جاھىل كېسەللىرىنى تۈگىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل، پاك، دۇرۇس بولغان يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى ئۈزلۈكسىز ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى تاللاپ قىلىش، ئۆزگەرتىپ قىلىش، يېرىم - يارتا قىلىش قاتارلىق شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ تۈزەپ، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىكنى قاتتىق تەكشۈرۈش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ جورىلىرىنىڭ سودا بىلەن شۇغۇللىنىش، كارخانا قۇرۇش قىلمىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش قائىدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىش، قاتتىق ئىجرا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز قىلمىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇشقا، ئائىلە تەۋەلىرى، پەرزەنتلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇشقا، ئائىلە ئىستىلى، ئائىلە تەربىيەسىنى چىڭىتىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.

تۆتىنچى، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك ۋە ناتوغرا ئىستىللارنى سىجىل تۈزەپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلقنى بېيىتىش، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، «تۆتنى توختاتماسلىق» سىياسىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشنى نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، مائارىپ، داۋالاش، كۈتۈنۈش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، يېمەكلىك - دورا بىخەتەرلىكى، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى سىجىل تۈزىتىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»نى قەتئىي جازالاپ بىر تەرەپ قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرنى تۈزەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

بەشىنچى، كۆزىتىش - تەكشۈرۈشتە يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنىڭ ئۆتكۈر شەمشەرلىك ۋە ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاشتىكى ۋاسىتىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. سىياسىي كۆزىتىش تەلىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆزىتىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىش ۋە نەتىجىلەردىن پايدىلىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمى، باھالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىك، ھەيدەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ تەكشۈرۈشىنى ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئالتىنچى، تۈرلۈك نازارەتچىلىكنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نازارەت قىلىش، تۈزەش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيىتى ۋە شۇجىنىڭ بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش، پۇختىلاش كېرەك. كۈندىلىك نازارەتچىلىكنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نازارەتنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، نازارەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەسىلە يۈزبەرمىگەن ۋاقىتتا نازارەت قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، «بىرىنچى قول رەھبەر» ۋە رەھبەرلىك بەنزىسىنى نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. نۆۋەت ئالمىشىش ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئاۋاز توپلاش، پارا بېرىپ سايلىنىش، ئەمەل سودىسى قىلىش، ئەمەل كويىدا قاتراش، ئەمەل تەلەپ قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئالدىنقىنى جازالاپ كېيىنكىگە ئىبرەت بېرىش، كېسەلنى داۋالاپ ئادەم قۇتقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت خىل ھالەت»نى قوللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئۈچنى پەرقلەندۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆتكۈر قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىشنى دەل جايىدا قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش نىزامىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

يەتتىنچى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك ۋە دۆلەت رېۋىزىيەسىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىسلاھاتنىڭ باشلامچىلىق قىلىش، بۆسۈش ھاسىل قىلىش، بەرپا قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋەزىپىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت نىزامىنى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا ھەمكارلىشىش، ماسلىشىش چارىسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

سەككىزىنچى، ئۆز - ئۆزىنى نازارەت قىلىش، ئۆزىنى چەكلەپ تۇرۇشنى قاتتىق، ئەمەلىي كۈچەيتىپ، سىياسىي ساپاسى يۇقىرى، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، كەسىپلىشىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، كۈرەش قىلىشقا ماھىر ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنى قۇرۇش كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، باشلامچىلىق بىلەن سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىنتىزام - قانۇن ئېڭى، ئىنتىزام - قانۇن تەپەككۇرى، ئىنتىزام - قانۇن ساپاسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەڭ قاتتىق بولغان چەكلەش ۋە نازارەتچىلىكنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش خىزمەت قائىدىسى، نازارەت قىلىش، قانۇننى ئىجرا قىلىش خىزمەت بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئائىلىسىدىكىلەر، ئۇرۇق - تۇغقانلارنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرىنىڭ تەسىرىدىن پايدىلىنىپ شەخسىي مەنپەئىتىنى كۆزلەشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، «چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ» بولۇشنى سىجىل تۈزەپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئىستىلى ئارقىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا پارتىيە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، يولداش يۈ خۇڭچيۇ، فۇ كۈي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا، مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا سايلاندى.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.