تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭ نارات خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى: قار-مۇز تەنھەرىكىتى خۇشاللىقى

تىيانشان تورى خەۋىرى: نارات خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىنىڭ بەشتۆپە يېزىسى قامۇستى كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، كۈنەس ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى سەككىز كىلومېتىر، نارات مەنزىرە رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 60 كىلومېتىر، نارات ئايرودۇرۇمى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئۈچ كىلومېتىر، دۆلەت يولى 578-لىنىيەسى بىلەن قوشنا، G218 ئۆلكە تاشيولى بىلەن بولغان ئارىلىقى 12 كىلومېتىر كېلىدۇ، قاتناش قولايلىق. قار تېيىلىش مەيدانىدا ھازىر ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 4200 مېتىر كېلىدىغان دەسلەپكى، ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئاساسلىق قار تېيىلىش يولى، 100 مېتىرلىق قار چەمبىرىكى يولىدىن ئۈچى، خەلقئارا قار تېيىلىش بىرلەشمىسى ئېتىراپ قىلغان بەش كىلومېتىرلىق دالا مۇسابىقە يولىدىن بىرى بار.

نارات خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش شەرتىدە، قار تېيىلىش يولى، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىغا مەخسۇس بىخەتەرلىك خادىمى ۋە قار تېيىلىش يېتەكچىسى سەپلەپ، كەڭ قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.

شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى