تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

باي ناھىيەسى: 90-يىللاردا تۇغۇلغان يىگىت كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش ئۈلگىسىگە ئايلاندى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گو ئەيچېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر رېن يۈجۈەن): «ئەگەر ئەكبەر ئىلياس قوشماقلىشىپ ياردەم بەرمىگەن بولسا، ئائىلىمىزدە بۇنداق چوڭ ئۆزگىرىش بولمايتتى. مەن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى باي ناھىيەسى توقسۇن يېزىسى ياتۇر كەنتىدىكى دېھقان ئەمەر روزى.

ئەكبەر ئىلياس 1991-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ قارىماققا ناھايىتى سىپايە كۆرۈنسىمۇ، ئەمما جاپاغا چىدايدىغان، يېڭىلگىنىگە مەڭگۈ تەن بەرمەيدىغان روھى ھالىتىگە ئىگە ئىدى. ئۇ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنى بېيىتىش سىياسىتىگە تايىنىپ، مەۋقەنى شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، كالا، قوي باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق بېيىپ، يىراق-يېقىنغا داڭلىق بېيىش ماھىرىغا ئايلاندى.

كالا، قوي باقمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىللە، ئەكبەر ئىلياس كەنتتىكى قىيىنچىلىقى بار كەنت ئاھالىلىرىنى ئۇنتۇپ قالماي، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىغا دائىم كۆڭۈل بۆلۈپ تۇردى.

كەنت ئاھالىسى ئەمەر روزىنىڭ ئائىلىسىدە تۆت جان بار بولۇپ، ئوغلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە، قىزى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيتتى، خوتۇنى كېسەل ئىدى، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئەمەر روزى ئۆزى يالغۇز يەر تېرىپ قامدايتتى، تۇرمۇشى ئىنتايىن جاپالىق ئىدى. ئەكبەر ئىلياس ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەمەر روزى بىلەن قوشماقلاشتى ھەم ئۇنىڭ كالا، قوي باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنى يېتەكلەپ، بىرلىكتە بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىشقا ۋەدە بەردى. ئەكبەر ئىلياس ئەمەر روزىنى تېخنىكا بىلەن تەمىنلىگەندىن باشقا، يەنە مەبلەغ بىلەن تەمىنلىدى. ئەكبەر ئىلياسنىڭ ياردىمىدە، ھازىر ئەمەر روزىنىڭ ئۆيى قوي، كالا بىلەن لىق تولدى.

ياتۇر كەنتىدە، ئەكبەر ئىلىياسنىڭ ياردىمىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئەمەر روزى ئائىلىسىدىكىلەرلا ئەمەس. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى قاھار ئابلىز مۇنداق دېدى: كەنتتە ئەكبەر ئىلياس تىلغا ئېلىنسىلا، كەنت ئاھالىلىرى باش بارمىقىنى چىقىرىدۇ. ئۇ بېيىغاندا يۇرتداشلارنى ئۇنۇتمىدى، كۆپچىلىكنى ئورتاق بېيىشقا يېتەكلەپ، كۆپچىلىكنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى