تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىشلىق تەتىللىك شوپۇرلۇق ئىمتىھانى پاراۋانلىقى كەلدى! ئىمتىھاندا مەخسۇس مەيدان تەسسىس قىلىنىپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانى تېخىمۇ كۆپەيتىلدى

  ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۈي يۈنيەن، پىراكتىكانت گۈلزات خەۋىرى): قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شوپۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتنىشىشى تېخىمۇ قولايلاشتى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى ئۇلانباي ئىش بېجىرىش رايونىنىڭ ئىمتىھان مەيدانى تەتىل مەزگىلىدە داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شوپۇرلۇق ئىمتىھانى ئېھتىياجى مەركەزلەشكەن ئەمەلىي ئەھۋالغا قارىتا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە ئىمتىھان مەيدانىغا چەك قويۇش تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، 1-ۋە 3-تۈردىكى ئىمتىھان پىلانىغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ئىمتىھانى مەخسۇس مەيدانى تەسىس قىلىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتتى.

  1-تۈردىكى ئىمتىھانغا 1-ئاينىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئىككى ھەپتە ئاخىرىدىكى ئىمتىھان مەخسۇس مەيدانى تەسىس قىلىنىپ، ئەسلىدىكى بەش مەيداندىن يەتتە مەيدانغا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر سانى ئەسلىدىكى ئاساستا 100 كىشىگە كۆپەيتىلدى، 2-ئايدا ئەسلىدىكى توققۇز مەيداندىن 17 مەيدانغا كۆپەيتىلدى. 3-تۈر ئىمتىھانىدا، ئەمەلىي يول ئىمتىھانى مەخسۇس مەيدانى 24 مەيدان قىلىپ كۆپەيتىلىپ تەسىس قىلىندى، بىخەتەرلىك، مەدەنىيلىك ساۋاتلىرى ئىمتىھانى مەخسۇس مەيدانى ئالتە مەيدانغا كۆپەيتىلىپ تەسىس قىلىندى.

  قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە شوپۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ئىمتىھانغا ھەرۋاقىت تىزىملاتسا بولىدۇ، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى ھەرۋاقىت دەرس باشلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ، ساقلاش ۋاقتى بولمايدۇ، ئىمتىھان مەيدانى چاغان مەزگىلىدە دەم ئالمايدۇ.

  ئىمتىھان بەرگۈچىلەر قاتناشنى باشقۇرۇش APP 12123سى ياكى ئالاقە تورى قاتناش بىخەتەرلىكى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش سۇپىسى تور بېكىتى ئارقىلىق ئالدىن كېلىشىپ ئىمتىھان بەرسە بولىدۇ. ئالدىن كېلىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئەگەر ۋاقتىدا ئىمتىھانغا قاتناشمىسا، ئاز دېگەندە بىر كۈن بۇرۇن ئىمتىھان مەيدانى بىلەن ئالاقىلىشىپ (ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 5312123) ئىمتىھاننى ئەمەلدىن قالدۇرسا بولىدۇ.

  ئۇلانباي ئىمتىھان مەيدانى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، ئىمتىھان مەيدانىغا كىرگەن بارلىق ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە خىزمەتچىلەر پۈتۈن مۇساپىدە ماسكا تاقاپ، ئىمتىھاننى ساقلاش رايونىدا ئورۇن ئايرىپ ئولتۇرۇشى كېرەك. ئىمتىھانغا ئىشلىتىلىدىغان ھەربىر ئاپتوموبىلغا دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش بۇيۇملىرى سەپلەنگەن بولۇپ، ھەربىر ئىمتىھان بەرگۈچى ئىمتىھاننى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، خىزمەتچى خادىملار ماشىنا ئىچىدىكى رول، تۇتقۇچ قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلارغا قارىتا دېزىنفېكسىيەلەش ئېلىپ بارىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى