تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

غۇلجا ناھىيەسى: پارنىكتىكى بۆلجۈرگەنلەر بازارغا سېلىندى

  ئانار بۇلۇت: غۇلجا ناھىيەسىدە پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن تۇنجى بۆلجۈرگەنلەر ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىندى. باغۋەن ئىلمىي تېرىقچىلىققا ئەھمىيەت بەرگەچكە، بۆلجۈرگەنلەر شىرنىلىك، تاتلىق، سىرتقى شەكلى كۆركەم بولدى، بازىرىمۇ ئىتتىك بولدى.

  غۇلجا ناھىيەسى جېلىليۈزى بازىرى دۆڭمەھەللە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سۇڭ فېي ئائىلىسىنىڭ پارنىكىدا، سۇڭ فېي بىلەن خوتۇنى پارنىكتا بۆلجۈرگەنلەرنى ئۈزۈۋاتاتتى.

  سۇڭ فېينىڭ دېيىشىچە، ئۇ مەھەللىۋى ئوغۇت ئىشلىتىپ، خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلەتمىگەچكە، يېشىل زىيانسىز مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر پارنىكتا بىر ساندۇق تەخمىنەن 7000 دانە ھەسەل ھەرىسىنى چاڭلاشتۇرۇپ بېقىپ، ئەمگەك ۋە كۈچنى تېجەپ، بۆلجۈرگەننىڭ مېۋە بېرىش نىسبىتىنى تەخمىنەن %40 ئۆستۈرۈپ، ئىلگىرىكى قىش پەسلىدە سۈنئىي چاڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان ۋاقىت ۋە ئەمگەك كۈچىنى، ياخشى چاڭلاشمايدىغان، مېۋە مەھسۇلاتى ۋە سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ھالەتنى ئۆزگەرتكەن، شۇڭا بۆلجۈرگەننىڭ تەمى ياخشى بولغان.

  سۇڭ فېي ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ بۆلجۈرگەن ئۆستۈرۈۋاتقىنىغا ئىككى يىل بولدى. سۇڭ فېي بۆلجۈرگەن مايسىسىنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، «مياۋشياڭ 7-نومۇر»، «رىبېن شياڭيې» ۋە ياۋروپا، ئامېرىكا سورتلىرىنى كىرگۈزدى ھەمدە «ئۈچ يوپۇق» بىلەن قاپلاشنى چىڭ تۇتۇپ، تېمىتىپ سۇغىرىپ، بۆلجۈرگەندىن ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلدى، ئۇنىڭ پارنىكىدىكى بۆلجۈرگەنلەرنى ھازىردىن باشلاپ ئۈزۈش باشلىنىپ، تاكى 5-ئاينىڭ بېشىغىچە داۋاملىشىدىكەن.

  «بىر پارنىكتىن بىر توننىدىن ئارتۇق بۆلجۈرگەن چىقىدۇ،  30 ~ 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن ياخشى سورتلارنى كىرگۈزۈپ، كىرىمىمنى كۆپرەك ئاشۇرىمەن» دېدى سۇڭ فېي.

مەنبە: غۇلجا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، چېن يۇڭمېي

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى