شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 1-ئاينىڭ 24-كۈنى تېلېگراممىسى: (شېڭ يۈەن): 1-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچىلىك ساياھەتچى دىڭ خانىم سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدا قار ئۈستى تۈرىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن قاتتىق ھاياجانلاندى. شۇ كۈنى، شىنجاڭ سايرام كۆلى 2021-يىللىق قار-مۇز ساياھەت پەسلى رەسمىي باشلاندى، 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونى ئىچىدە يۆلياڭۋەن، ديەنجياڭتەي قاتارلىق نۇرغۇن ئاساسلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىدا باش تېمىسى ھەرخىل، مەزمۇنى مول قار-مۇز تاماشاسىدىن بەھرىلەنسە بولىدىكەن.
ساياھەتچىلەر قار ئۈستى تۈرىنى ھېس قىلماقتا.
«بۇ يىل قىشتا بىز ساياھەتچىلەرگە مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش تىپدىكى، قىزىقارلىق، قاتنىشىش بىر گەۋدە قىلىنغان قار-مۇز تۈرىنى تەييارلىدۇق» دېدى خۇاچياۋچېڭ ساياھەت گۇرۇھى سايرام كۆلى تۈرىنىڭ باش دىرېكتورى لى جيې تونۇشتۇرۇپ. ساياھەتچىلەر «مۇز» باش تېما قىلىنغان، مۇز ئۈستى ئات چانىسى، كادىڭ ئاپتوموبىلى، قار موتوسىكلىتى قاتارلىق تۈرلەرنى ھېس قىلالايدۇ؛ «قار» باش تېما قىلىنغان، قار ئۈستى تۈرى قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى ھېس قىلالايدۇ؛ «تائام» باش تېما قىلىنغان، گاۋبەيگۇي بېلىقى، كاۋاپ، سامسا، شورپا قاتارلىق تائاملارنى تېتىيالايدۇ؛ «كۆل . ئاق قۇ»باش تېما قىلىنغان، سايرام كۆلىدىكى بىردىنبىر مۇز تۇتماس كېلېيۇڭجۇ مەنزىرە نۇقتىسىدا گۈزەل ئاق قۇلار بىلەن يېقىن ئارىلىقتىن ئۇچرىشالايدۇ...
سايرام كۆلىدىن چىققان گاۋبەيگۇي بېلىقىدىن تەييارلانغان مەززىلىك تائاملار.
كېلېيۇڭجۇ مەنزىرە نۇقتىسىدا، ئاق قۇلار ئەركىن ئۈزۈپ ئوينىماقتا.
«تۆت پەسىل ساياھىتى» ماركا ئوبرازىنى تېخىمۇ ياخشى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى خاس تەبىئىي مەنزىرىگە تايىنىپ، تۈرلۈك قار-مۇز كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ۋە ئالاھىدە يېمەك-ئىچمەكنى قوشۇمچە قىلىپ، ماركا ئارقىلىق تۈرتكە بولۇپ ۋە ئاساسىي گەۋدە پائالىيەتلىرى ئارقىلىق يېتەكلەپ، ئارقا-ئارقىدىن كۆپ تۈرلۈك قىش پەسىللىك ساياھەت تۈرلىرىنى ئاچتى.
گۈزەل مۇز مەنزىرىسى.