ئانار بۇلۇت: 1-ئاينىڭ 19-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاقسۇ شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاقسۇ شەھىرى ئايكۆل بازىرىدا يېڭىدىن ئىككى پارنىك بازىسى قۇرىدىكەن، ھازىر، بۇ تۈرگە خېرىدار چاقىرىش خىزمىتى تاماملانغان بولۇپ، 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قۇرۇلۇش باشلىنىپ، يىل ئىچىدە قۇرۇلۇش تاماملىنىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۈرگە 51 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان بولۇپ، پارنىك بازىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئورنى ئايكۆل بازىرىنىڭ تۆۋەنكى مەھەللە كەنتى، شېغىل كەنتىدە ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاقسۇ شەھىرى ئايكۆل بازىرى تۆۋەنكى مەھەللە كەنتىدە يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان پارنىك بازىسى قۇرۇلۇشى تۈرىدە، پولات قۇرۇلمىلىق تېرىقچىلىق پارنىكىدىن 45نى قۇرۇش پىلانلانغان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 230 مو، پارنىكنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 67 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن كەم ئەمەس ئىكەن؛ ئاقسۇ شەھىرى ئايكۆل بازىرى شېغىل كەنتى پارنىك بازىسى قۇرۇلۇش تۈرىدە، پولات قۇرۇلمىلىق تېرىقچىلىق پارنىكىدىن 32نى قۇرۇش پىلانلانغان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 210 مو، پارنىكنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 58 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن كەم ئەمەس ئىكەن.
بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، تۈر رايونىدىكى 47 قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تېرىقچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتى، مۇخبىر ليۇ تيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر جېڭ دۇڭگې