تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئىككى قولدا «توقۇپ» يارىتىلغان يېڭى تۇرمۇش

تىيانشان تورى خەۋىرى: «ياخشىمۇسىز! مەن 2000 يۈرۈش ئورۇندۇق قېپى زاكاز قىلىمەن، مالنى ۋاقتىدا ئەۋەتكىلى بولامدۇ؟»

«خاتىرجەم بولۇڭ، تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن سىزگە تېلېفون قىلىمەن».

تېلېفوندا زاكاز قوبۇل قىلىش، مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈش كېرىيە ناھىيەلىك كۆركەم توقۇلما بۇيۇملار شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇراخمان ئۆمەرنىڭ كۈندىلىك قىلىدىغان ئىشى ئىدى.

ئابدۇراخمان كېرىيە ناھىيەسى ئارال يېزىسى شامالباغ كەنتىنىڭ ئاھالىسى. ئىلگىرى، ئۇ ھەر كۈنى تېرىقچىلىق ۋە ئىشلەمچىلىك قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. بۇ بىر قانچە يىلدا، ئۇ ئاپتوموبىل بېزەش ماھارىتىنى ئۆگىنىپ، شىركەت قۇردى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى، ئۆزىمۇ نامرات ئاممىنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەيدىغان «باشلامچى»غا ئايلاندى.

ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىگىنىدە، ئابدۇراخمان ئەپسۇسلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى مەن ئىشلەمچىلىك قىلاتتىم، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر كۈندە 150 يۈەن تاپاتتىم، لېكىن بىر ئايدا ھېچقانچە پۇل يىغالمايتتىم. مەن ئاپتوموبىل بېزەكچىلىكىگە ئىزچىل قىزىقىپ كەلدىم، كېيىن بۇ ھۈنەرنى ياخشى ئۆگىنىپ، مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولۇشنى ئويلىدىم.»

2015-يىلى، ئىچكىرى رايوندىن ئاپتوموبىل بېزەكچىلىك تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئابدۇراخمان كېرىيە ناھىيەسىدە ئاپتوموبىل بېزەكچىلىك دۇكىنى ئاچتى. دۇكان ئېچىش باشلانغاندا، ئابدۇراخمان دۇكاندا جاپالىق مەشىق قىلدى. تىرىشىش ئارقىلىق، ئۇ ياسىغان ئورۇندۇق، ياستۇق، رول قېپى قاتارلىقلار بارغانسېرى ئالقىشقا ئېرىشتى. ئابدۇراخماننى ئىزدەپ ماشىنا بېزەيدىغان خېرىدارلار بارغانسېرى كۆپەيدى، ئۇنىڭ كىچىك دۇكىنىمۇ ناھىيە بازىرىدا خېلى نامغا ئېرىشتى.

ئابدۇراخمان تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇپ، كېرىيە ناھىيەلىك كۆركەم ئاپتوموبىل بېزەكچىلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، 22 ياشنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

«مەن ھازىر ئۆيدىن پۇل سورىمىساممۇ بولىدۇ، يەنە تېخى ئاتا-ئانامغا پۇل بېرەلەيمەن، ئۇلار بەك خۇشال» دېدى ئابدۇراخمان.

كېرىيە ناھىيەلىك كۆركەم توقۇلما بۇيۇملىرى شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئامىنەخان ئابلىز كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئابدۇراخماننىڭ شىركىتىدە ئىشلەيمەن، توكسىكلىت مېنىپ ئون مىنۇتتىلا يېتىپ بارىمەن، ھەر ئايدا يەنە 2000 يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئالىمەن».

كېرىيە ناھىيەلىك كۆركەم توقۇلما بۇيۇملىرى شىركىتىدە، ئامىنەخانغا ئوخشاش ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، ئىشچى بولغان دېھقاندىن 45ى بار.

«بەختلىك تۇرمۇش ئىككى قولغا تايىنىپ يارىتىلىدۇ» ئابدۇراخمان ئىزچىل مۇشۇ سۆز بىلەن ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈپ كەلدى. ھازىر، ئابدۇراخماننىڭ يىللىق ساپ كىرىمى 200 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق «باشلامچى ياۋا غاز»غا ئايلاندى.

(پەرىزات ئابدۇ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى