تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

شوپۇر دوستلار دىققەت، بۇ قار تازىلاش قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا سىزدىن ياردەم سورايمىز

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ دۇڭمېي فوتوسى، خەۋىرى): 1-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 12 گىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى جەمئىي 287 مىڭ توننىدىن ئارتۇق دۆۋىلىنىپ قالغان قارنى توشۇدى. نۆۋەتتە، قار تازىلاش خىزمىتى يەنە داۋاملاشماقتا، ئەمما بىر قىسىم يوللارنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئۇزۇن ۋاقىت توختىتىپ قويۇلغان شەخسىي ئاپتوموبىللار نۆۋەتتىكى قار تازىلاش خىزمىتى دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلە بولۇپ قالدى.

   1-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 23دە، شىمىگۇ رايونلۇق مۇھىت ئاسراش-توشۇش ئەترىتى شىخۇڭ شەرقىي يولى يولىنىڭ ئىككى تەرىپىگە دۆۋىلەپ قويۇلغان قارنى توشۇشقا باشلىدى، تازىلاش-توشۇش ئاپتوموبىلى شىخۇڭ شەرقىي يولى بىلەن نەنخۇ جەنۇبىي يولى كېسىشكەن جايغا كەلگەندە، يول بويىغا توختىتىپ قويۇلغان بىر شەخسىي ئاپتوموبىل قار تازىلاش ماشىنىسىنىڭ ئالدىنى توسۇۋالغانىدى.

شىخۇڭ شەرقىي يولىدا، توختىتىپ قويۇلغان بىر شەخسىي ئاپتوموبىل قار تازىلاش ماشىنىسىنىڭ ئالدىنى توسۇۋالدى.

   ئاپتوموبىلدا ھېچقانداق ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قالدۇرۇلمىغان بولۇپ، قار تازىلاش خادىملىرى قاتناش ساقچى تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلاشقاندىن كېيىن، ئاپتوموبىل ئىگىسى يېتىپ كېلىپ ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ كەتكەن، شۇنىڭدىن كېيىن قار تازىلاش خىزمىتى داۋاملاشقان.

   قار تازىلاشتىكى بۇ «قىيىن مەسىلە» 1-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى قار تازىلاش خىزمىتىگە يەنە قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى. شۇ كۈنى، شەھەر باشقۇرۇش تارماقلىرى قار تازىلاش مەشغۇلاتىنى قانات يايدۇرغاندا، بۇنىڭدىن ئىلگىرى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن ئۈچۈن سىزىلغان يول بويىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورۇنلىرىدا، بەزى ئاپتوموبىللارنىڭ ئۇزاق مۇددەت توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى، ئاپتوموبىللارنىڭ يېنىدىكى دۆۋلىنىپ قالغان قارلارنى قار تازىلاش ماشىنا-ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تازىلىغىلى بولمىغانلىقىنى، دۆۋلىنىپ قالغان قېلىن قارلارنى مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىنىڭ پەقەت قار تازىلاش قوراللىرى بىلەن ئاز-ئازدىن تازىلاپ پاكىزلىغانلىقىنى بايقىدى. شۇنداق قىلىپ، قار تازىلاش سۈرئىتى زور دەرىجىدە ئاستىلاپ، قار تازىلاشتىكى ئىلگىرىلەش سۈرئىتىمۇ كېچىكتى.

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش كومىتېتى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) قاردا، قاردىن كېيىن چوڭ تىپتىكى قار تازىلاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىغا، قار تازىلاش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كەڭ شەخسىي ئاپتوموبىل ئىگىلىرىگە نۆۋەتتە شەھەر باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئاساسىي غول يوللارنىڭ ئىككى تەرىپى، پىيادىلەر يولى، ئىككىلەمچى غول يول، كوچا يوللىرىدىكى قارلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تازىلاۋاتقاندا، قار تازىلاش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ شەھەر باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ قار تازىلىشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىشىنى، ئاپتوموبىللىرىنى ۋاقتىنچە يۆتكەپ، قار تازىلاش مەشغۇلاتىغا ئەڭ زور دەرىجىدە قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى