تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ۋەدە بەرگەن ئىكەنمەن، جەزمەن بىر ئۆمۈر قوغدايمەن

− مەن نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمىنى قوغداۋاتىمەن

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى يۈەن جېنيۈ، يۈ ۋەن

«ئىنقىلاب ساداسى سەيلە كېمىسىدىن ياڭراپ، كوممۇنىستىك پارتىيە دۇنياغا كېلىپ، ئىشچى - دېھقانلار خۇشال بولدى.» جېجياڭ جياشىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيى نەنخۇ كۆلى يىغىنى ئېچىلغان جاي، شۇنداقلا جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ قىزىل كېمىسى يولغا چىققان جاي. ئەۋلادمۇ ئەۋلاد «قىزىل كېمىچى»لەر ھاياتى ئارقىلىق قىزىل كېمىنى قوغداپ، ئەڭ سەمىمىي ھېسسىياتى ئارقىلىق قىزىل كېمە ھېكايىسىنى بايان قىلىپ كەلمەكتە.

كېمە ياساش

1921 - يىلى يازدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 1 - قۇرۇلتىيى شاڭخەيدىن جياشىڭ نەنخۇ كۆلىدىكى بىر سەيلە كېمىسىگە يۆتكىلىپ ئۆتكۈزۈلۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى تەنتەنىلىك جاكارلاندى. بۇ سەيلە كېمىسى شۇ سەۋەبتىن مەڭگۈ جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلغان قىزىل كېمە دېگەن نامغا ئېرىشىپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ مەنبەسىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالدى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندا بۇ سەيلە كېمىسىنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىش تەسكە چۈشكەنىدى. 1959 - يىلى، نەنخۇ كۆلى ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىنى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش باشلاندى. ھازىرقى ساراي باشلىقى جاڭ شيەنيى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ساراي قۇرۇشتىكى ھالقىلىق مەسىلە كېمىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ياساش مەسىلىسى ئىدى. كۆپ تەرەپ دەلىللەش ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن كېيىن، بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىلغان كېمە مودېلى ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشتى. جىددىي قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، 1959 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن بۇرۇن نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمە كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ ئارىسىدا قايتا پەيدا بولدى.

«كۆپ قىسىم كېمە گەۋدىسىنى ياساشقا دادام، ئىككى يېزنەم، ھەمساۋاق ئاكام ۋە مەن قاتناشقانىدۇق.» جياشىڭ كېمىسازلىق زاۋۇتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى شياۋ خەيگېن ئەينى يىلى كېمە ياسىغان چاغدىكى ئەھۋالنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىك ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، ھەر كۈنى كەچتە ئۆيگە قايتمايتتى، ھېرىپ كەتسە كىچىككىنە بىر ئۆيدە ئارام ئالاتتى».

گۇاڭشىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن كونا شەمشاد ياغىچى، جياڭسۇدىن تەكلىپ قىلىنغان ئەڭ ياخشى نەقىش ئويۇش ئۇستىسى، پالاق، لىم، چىۋىق كارىۋات، مېيخۇا گۈللۈك قوزۇق، قايتا - قايتا ئىنچىكىلىك بىلەن سىلىقلاش، تۈجۈپىلەپ نەقىش ئويۇش...

«كېمە گەۋدىسى بىنەپشە رەڭلىك سىر بىلەن سىرلانغان بولۇپ، بۇ خىل سىردا سىرلاشنىڭ مۇھىت تېمپېراتۇرىسىغا بولغان تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى، جەزمەن 25 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن بىزدە ئۇ ۋاقىتتا ھاۋا تەڭشىگۈچ، شامالدۇرغۇچنىڭ ھېچقايسىسى يوق ئىدى، قانداق قىلىش كېرەك؟ كۆپچىلىك يەرلىك چارە ئويلاپ تاپتى، گاز ئوچاققا قازان ئېسىپ سۇ قايناتتۇق، پۈتۈن ئۆي ھورغا تولدى، مۇشۇنداق چارە بىلەن تېمپېراتۇرىنى ساقلىدۇق» دېدى شياۋ خەيگېن.

نەچچە ئون يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئۆزگەرمىگىنى ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ئەسلىي مەقسىتى. «ئۇ چاغدا كېمە ياسىغاندا ھېچكىم پۇلنى كۆزلىمىدى، بەلكى چەكسىز شەرەپ ھېس قىلدى. قىزىل كېمە تىلغا ئېلىنسىلا ئىچ - ئىچىمدىن خۇشال بولىمەن.» شياۋ خەيگېن مۇنداق دېدى: «ئۆمرۈمدە 30 نەچچە خىل كېمە ياسىدىم، بۇ قىزىل كېمىنى ياساشقا قاتناشقانلىقىمدىن ئۆزۈمنى ئەڭ بەختلىك ھېس قىلىمەن».

كېمىنى قوغداش

20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدا، شياۋ خەيگېن قىزىل كېمىنىڭ يېنىدا نەنخۇ كۆلى ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىنىڭ خىزمەتچىلىرىگە دوكلات بەردى، دوكلاتنى ئاڭلىغۇچىلار ئىچىدە جاڭ شىنجى ئىسىملىك كېمە قوغدىغۇچى بىر ياش ئىشچى بار ئىدى. 30 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ئۇ نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمىنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بولۇپ كەلدى.

«ئادەتتىكى ياغاچ كېمىلەرنى بۇنداق كۆپ يىل ساقلاش ناھايىتى تەس. لېكىن نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمە ئوخشىمايدۇ، بۇ بىزنىڭ ئانا كېمىمىز، ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ئۇنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك.» 1985 - يىلى، جاڭ شىنجى نەنخۇ كۆلى ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىغا خىزمەتكە چۈشۈپ، ئاساسلىقى قىزىل كېمىنى رېمونت قىلىش، قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولدى.

يىلدا بىر قېتىم كىچىك رېمونت قىلىنىدۇ، ئىككى يىلدا بىر قېتىم چوڭ رېمونت قىلىنىدۇ. ھەر قېتىم رېمونت قىلغاندا جاڭ شىنجى ۋە خىزمەتداشلىرى قىزىل كېمىدىكى 1000 دىن ئارتۇق زاپچاسنى بىر - بىرلەپ تەكشۈرىدۇ. تومۇز مەزگىلىدە، ئۇلار پىژغىرىم ئىسسىقتا قىزىل كېمىدىكى ياغاچ تاختىغا توڭگۇ دەرىخى مېيى سۈركەيدۇ. توڭگۇ دەرىخى مېيىنى سەككىز قېتىم سۈركەيدۇ، بىر قەۋەت سۈركەپ بولغاندىن كېيىن، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، يەنە بىر قەۋەت سۈركەپ، توڭگۇ دەرىخى مېيىنىڭ ياغاچ تاختىغا تولۇق سىڭىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. «يازدا باشقىلار يامغۇر يېغىپ تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلىشىنى ئۈمىد قىلسا، بىز يامغۇر يېغىپ كېمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دەخلى يېتىشىدىن ئەنسىرەيمىز، پەقەت توڭگۇ دەرىخى مېيى سۈركەشتىن ئىبارەت بۇ ئىش تەرتىپىگىلا 50 نەچچە كۈن كېتىدۇ».

تەيفېڭ بورىنى چىققاندا، جاڭ شىنجى ۋە خىزمەتداشلىرى ھەر ۋاقىت قىزىل كېمىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قوغداپ، شامال يۆنىلىشى ۋە سۇ ئورنىغا ئاساسەن، قىزىل كېمىنى سۆرەپ بوراندىن دالدا ئورۇنغا توختىماي يۆتكەيدۇ؛ سوغۇق ئېقىم ھۇجۇم قىلغاندا، ئۇلار سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك سوغۇق كۆل سۈيىدىن قورقماي قىزىل كېمىدىكى مۇز، قىروۋ ۋە يىغىلىپ قالغان قارلارنى تازىلايدۇ...

2018 - يىلى، جاڭ شىنجى شەرەپ بىلەن پېنسىيەگە چىققان بولسىمۇ، يەنىلا دائىم مېھمانلارنى، دوستلىرىنى باشلاپ قىزىل كېمە يېنىغا بېرىپ ھېكايە سۆزلەپ بېرىدۇ. «نەگىلا بارسام، ئۆزۈمنى مەن نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمىنى رېمونت قىلغۇچى دەيمەن» «كىچىك كېمىدە ئۇلۇغ پارتىيە دۇنياغا كەلدى، قىزىل كېمە روھى جۇڭگوغا يېتەكچىلىك قىلماقتا. قىزىل كېمىنى قوغداش نېمىدېگەن شەرەپلىك ئىش - ھە».

كېمىنى مەدھىيەلەش

جاڭ شىنجىنىڭ خوتۇنى ۋە قىزى نەنخۇ ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىلىرى. خوتۇنى شۈ جىنچياۋ ئىلگىرى جياشىڭ رايونلۇق جىڭجۈ تىياتىر ئۆمىكىدىكى باش خۇادەن بولۇپ، 1984 - يىلى نەنخۇ ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىغا بېرىپ خىزمەت قىلغان. قىزى جاڭ يى كىچىكىدىن نەنخۇ كۆلى بويىدا چوڭ بولغان، بۈگۈنكى كۈندە قىزىل كېمە يېنىدىكى داڭلىق چۈشەندۈرگۈچى.

«ئاتا - ئانام مېنىڭ خىزمەتتىكى ياخشى ئۇستازىم ۋە ئوبدان دوستۇم، بىز ئۈچىمىز بىللە پاراڭلىشىمىز، گېپىمىز ھەمىشە <نەنخۇ كۆلى> ۋە <قىزىل كېمە>دىن ئايرىلمايدۇ.» جاڭ يى مۇنداق دېدى: «ئاپام ماڭا چۈشەندۈرگۈچىنىڭ كۆرۈنۈشتە لاتاپەتلىك بولۇشىنى، لېكىن جاپاغا چىداشقا تەييار تۇرۇشىنى، شەخسىي ساپاسىغا قويۇلىدىغان تەلەپنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. دادام ماڭا نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمىنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشنىڭ شەرەپلىك ھەم مۈشكۈل بۇرچ ئىكەنلىكىنى، ئارالنى ئۆي، ساراينى ئۆي دەپ بىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى...»

مۇشۇ يىللاردا، جاڭ يى قىزىل كېمىنى كۆرگىلى كەلگەن نۇرغۇن كىشىنى كۈتۈۋالدى. ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلار ئۇنىڭ بايانىنى ئاڭلىدى، ئۇمۇ ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلاردىن تەسىرلەندى. جاڭ يى ئىلگىرى 80 ياشتىن ئاشقان بىر پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىسىنى كۈتۈۋالغانىدى، بوۋاي چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، قىزىل كېمىگە قارىغىنىچە ناھايىتى ھاياجانلانغان. ئۇ جاڭ يىغا، ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىنى، ئەڭ چوڭ ئارزۇسىنىڭ جياشىڭدىكى نەنخۇ كۆلىگە بېرىپ، قىزىل كېمىنى ئۆز كۆزى بىلەن قايتا كۆرۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.

«ئەجدادلار ماڭا ئۈلگە تىكلەپ بەردى، ھازىر، مەن ئەۋلادلارغا ئۈلگە تىكلەيمەن!» دېدى جاڭ يى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاڭجوۋ، 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى