تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«شى جىنپىڭنىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭنىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركىزىي ھۆججەت، ماتېرىيال نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىشنى چىقىش قىلىپ، ئالاقە تورىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاقە تورىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئالاقە تورىنى تۈزەپ، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ھەربىي ئىشلار قاتارلىق ساھەلەردىكى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا چېتىلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە تورنى ئىدارە قىلىش يولىنى ئاچتى. يولداش شى جىنپىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئېلان قىلىپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش بىزنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«بايانلاردىن ئۈزۈندە» توققۇز مەخسۇس تېمىغا ئايرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا جەمئىي 285 بۆلەك بايان بار، بۇلار يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2013 - يىلى 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن 2020 - يىلى 11 - ئاينىڭ 23 - كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە قىلغان سۆزى، دوكلاتى، نۇتقى، يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقى، تەبرىك خېتى قاتارلىق 100 پارچە مۇھىم ھۆججەت، ماتېرىيالدىن ئېلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن بايانلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.