تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

كۈنەس ناھىيەسى: نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىدى

  ئانار بۇلۇت: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۈنەس ناھىيەسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تۇتقا قىلىپ، كارخانىلارنى نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، نامرات ئەمگەكچىلەرنى ئالدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش كارخانىلىرىنىڭ كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

  1-ئاينىڭ 20-كۈنى، مۇخبىر ئىلى فۇرۈندې دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سېخىدا، سېخنىڭ ناھايىتى ئالدىراش ئىكەنلىكىنى، ئىشچىلارنىڭ قوي گۆشىنى جىددىي، تەرتىپلىك ھالدا ئايرىپ قاچىلاۋاتقانلىقىنى كۆردى، 34 ياشلىق كەنجەقان ئابدىشار ئۆيىدە يەر، مال-چارۋا يوق بولۇپ، قېيىنئاتا-قېيىنئانىسىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس ئىدى، ئىككى بالىسى مەكتەپتە ئوقۇيتتى، شىركەت ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ شىركەتكە كېلىپ ئىشلىشىنى ئېيتتى، كارخانىنىڭ كەسىپ بويىچە تەربىيەلىشى ۋە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، ئۇنىڭ ھەر ئايلىق كىرىمى خېلى ياخشى بولدى.

  كەنجەقان ئابدىشار مۇنداق دېدى: «بۇ شىركەتكە كەلگىنىمگە تۆت يىل بولدى، ئىلگىرى خىزمىتىم يوق ئائىلە ئايالى ئىدىم، بۇ شىركەتكە كېلىپ ئىشلەپ، ھازىر ئايدا 4000 يۈەن مائاش ئالىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، كۆپرەك پۇل تاپىمەن».

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۈنەس ناھىيەسى «كارخانا + سېخ + نامرات ئائىلە» ئەندىزىسى ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش، كەسىپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىگىلىك تىكلەشكە تۈرتكە بولۇشنى ئاساس قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسىدىن پايدىلىنىپ نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى سېخقا كىرىپ ئىشلەشكە جەلپ قىلىپ، نامرات ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى.

مەنبە: كۈنەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، لى ۋېن، دەي يامېي، ۋاڭ زېمىن

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى