1-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈنجۈ كەنتى تاتلىقياڭيۇ پىنتوزا پىششىقلاش زاۋۇتىدا، يەرلىك كەنت ئاھالىلىرى پىنتوزىنى ئاپتاپقا سالماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: قىش پەسلىدە، ئەنخۇي ئۆلكىسى خۇاڭشەن شەھىرى خۇاڭشەن رايونى شىنفېڭ يېزىسى ئۈنجۈ كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى پىنتوزىنى پىششىقلاپ، ئاپتاپقا سېلىپ بازارنى تەمىنلەش بىلەن ئالدىراش بولدى. 2020-يىلى، ئۈنجۈ كەنتى 100 مىڭ يۈەن نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى بىلەن بىر تاتلىقياڭيۇ پىنتوزا پىششىقلاش زاۋۇتى ئاچتى، نامرات ئاھالىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا قوبۇل قىلىش، يىل ئاخىرىدا پايدا تەقسىملەش قاتارلىق شەكىللەر، شۇ جايدىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم يولغا ئايلاندى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ بوخەن فوتوسى