ئانار بۇلۇت: ئاھالىلەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش بىلەن بىللە، تەۋەلىكىدىكى ئىشسىزلارنى بىرەر ماھارەتكە ئىگە قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن، چىڭگىل ناھىيەسى چىڭگىل بازىرى ۋېنخۇا بېيلۇ مەھەللىسىدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى مەھەللە بىلەن بىرلىشىپ، قىشلىق بوش ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەرنى پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىشقا تەشكىللىدى. 1-ئاينىڭ 18-كۈنى، پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، چىڭگىل ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ۋېنخۇا بېيلۇ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، مەھەللىنىڭ 1-شۇجىسى چى يۇڭچىڭ بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ مەقسىتى، تەلىپىنى چۈشەندۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەربىيەلەشكە قاتناشقان ئاھالىلەرنىڭ ئۆگەنگەن ماھارىتىنى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشقا تەتبىقلاپ، تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى. بۇ قېتىمقى تەربىيەلىنىش جەمئىي ئالتە كۈن ئېلىپ بېرىلدى، مەخسۇس تەجرىبىسى مول پېچىنە-پىرەنىك ئۇستىسى جەڭىسگۇل ھەر خىل پېچىنە-پىرەنىكلەرنى ياساش ئۇسۇلى توغرىسىدا دەرس سۆزلىدى.
تەربىيەلەشتە، جەڭىسگۇل مۇئەللىم نەق مەيداندا خېمىر يۇغۇرۇپ، قولمۇقول ئەمەلىي مەشىق قىلىپ دەرس ئۆتتى. كۇرسانتلار مۇئەللىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم ئەمەلىي مەشغۇلاتقا پائال قاتنىشىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇردى.
مەنبە: چىڭگىل ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، ئىختىيارىي مۇخبىر سايراش، ۋاڭ شىن