تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

باركۆل ناھىيەسى: «پارتىيە ئەزالىرى تەشۋىقات ئەترىتى» كەنتلەرگە بېرىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى

 «پارتىيە ئەزالىرى تەشۋىقات ئەترىتى» چارۋىچىلارغا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چىن پېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چېن سەي فوتوسى، خەۋىرى) «بۇ بىر قانچە يىلدا كىرىمىمىز ئاشتى، چېگرا رايوندىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىزگە قىلغان غەمخورلۇقىدىن ئايرىلالمايدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن بىز تېخىمۇ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يۇرتىمىزنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ چىقىرىپ، بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشىمىز» دېدى شىنجاڭ قومۇل شەھىرى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى بۇرچۇنچى بازىرىدىكى چارۋىچى ئابلاخان.

  1-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى قومۇل چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى باركۆل چېگرا باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى 2-خۇڭسەن چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ «پارتىيە ئەزالىرى تەشۋىقات ئەترىتى» مەركەز 3-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى تەشۋىقات ئوقۇشلۇقىنى چېگرادىكى چارۋىچىلار، تەۋەلىكتىكى سودىگەرلەرنىڭ ئۆيلىرىگە يەتكۈزۈپ، مىسال كەلتۈرۈش، ھېكايە سۆزلەش، ھال-مۇڭ بولۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەركەز 3-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى.

  2-خۇڭسەن چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شو مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، مەركەز 3-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى داۋاملىق ياخشى تەشۋىق قىلىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىق، ئارزۇ-تەلىپىنى كۆپرەك ئىگىلەپ، تەۋەلىكىمىزدىكى پۇقرالارغا كۆپرەك ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىمىز، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ھەممە ئائىلىلەرگە تەشۋىق قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى