تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كىچىككىنە تورت دۇكىنىدىن شېرىن يېڭى تۇرمۇشىنى باشلاش

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ لى، ئىختىيارىي مۇخبىر خۇاڭ بىنجۈن خەۋىرى): «90-يىللاردا تۇغۇلغان» مەرەمنىساخان قۇربان شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاقسۇ شەھىرى قۇمباش يېزىسىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ، يېرىم يىل ئىلگىرى پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇش تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، يېزىدا بىر تورت دۇكىنى ئاچتى، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ شېرىن يېڭى تۇرمۇشى باشلاندى.

مەرەمنىساخان قۇرباننىڭ تورت دۇكىنىغا كىرگەندە، ھەر خىل رەتلىك تىزىلغان نەپس پېچىنە-پىرەنىكلەر كىشىنى ئىنتايىن جەلپ قىلاتتى. ھازىر، دۇكاندىكى پېچىنە-پىرەنىكلەرنىڭ تۈرى 20 خىلدىن ئاشىدۇ. ھەر قېتىم دۇكانغا كىرگەن خېرىدارلارغا ئۇ دائىم پېچىنە-پىرەنىك تۈرلىرىنى قىزغىنلىق بىلەن تونۇشتۇرىدۇ ھەم خېرىدارلارنى تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، 2020-يىلى 6-ئايدا، مەرەمنىساخان قۇربان بۇ دۇكاننى ئاچقان. يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، ئۇنىڭ تورت دۇكىنىنىڭ ئەتراپتىكى يېزا-بازارلاردا خېلى داڭقى چىققان. «ئائىلىمىز ئىلگىرى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئىدى. ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىلىدىغان ئىشى، تاپالايدىغان پۇلى بارلىقىنى كۆرۈپ، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، بىر تېخنىكا ئۆگىنىپ، كىرىمىمنى ئاشۇرۇپ بېيىماقچى بولدۇم» دېدى مەرەمنىساخان قۇربان، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ قوللىشى بىلەن، ئۇ ئاقسۇ شەھەر رايونىغا تورت ياساش تېخنىكىسىنى ھەقسىز ئۆگىنىشكە ئەۋەتىلدى.

تىجارەت باشلىغان يېرىم يىلدىن بۇيان، مەرەمنىساخان قۇرباننىڭ كۈندىلىك تىجارەت سوممىسى ئەمدىلا باشلانغان 300-400 يۈەندىن ھازىرقى 1000 يۈەنگە يېقىنلاشتى، ئايلىق ساپ كىرىمى 8000 يۈەندىن ئاشتى، ئۇنىڭ بېيىش ئىشەنچى بارغانسېرى ئاشتى.

تورتخانىنىڭ سودىسىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بۇ يىل 1-ئاينىڭ بېشىدا، ئۇ يەنە شۇ كەنتتىكى تۆت ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى دۇكاندا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

«مەن تورت ياساشنى بەك ياخشى كۆرىمەن. ھازىر كەنتتىن چىقمايلا تېخنىكا ئۆگەنگىلى بولىدۇ، مەن بۇ يەردە ياخشى ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە ئۆزۈمنىڭ تورت دۇكىنىنى ئاچىمەن» دېدى شاگىرت بۇسارەم.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى