ئانار بۇلۇت: قىش كىرگەندىن بۇيان، پىچان ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار تارماقلىرى دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى سودىگەرلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا يېتەكلەپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى زاپىسىنى ياخشى تەييارلاپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىش، يېزا ئىگىلىكىدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ئاساس سالدى.
يېقىندا، مۇخبىر پىچان ناھىيەسى پىچان بازىرى چوققاتام كەنتىدىكى بىر يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى دۇكىنىدا، دۇكاندىكى ھەر خىل يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى تۈرلىرىنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىنى كۆردى. كەنت ئاھالىسى ئوسمان ئىسمايىل ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ماددىي ئەشيالىرىنى زاكاز قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى، بۇ يىل ئۇ 20 مو يەرگە ئۈزۈم كۆچىتى تىكىشنى پىلانلىدى، ھازىر ئۇ ئېھتىياجلىق بولغان ئوغۇتنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋالدى.
«بىز 10-ئايدىن باشلاپ يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى تەييارلاشقا باشلىدۇق، ھازىر تۈرلۈك ماددىي ئەشيا، تەمىنلەش تەرتىپلىك بولۇۋاتىدۇ، كېيىنكى مەزگىلدە بىز دېھقانلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، سېتىۋېلىش مىقدارىنى داۋاملىق زورايتىپ، دېھقانلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى بۇ يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى دۇكىنىنىڭ مەسئۇلى غېنى غوپۇر.
ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، پىچان ناھىيەسى بالدۇر پىلانلاپ، بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ، بالدۇر زاپاس ساقلاپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىدىكى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنىڭ تەمىنلەش-ئېھتىياج ئۇچۇرىنى ئىگىلەپ، جانلىق، كۆپ خىل سېتىۋېلىش-سېتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، تېرىلغۇ تەييارلىقىدىكى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنىڭ تەمىنات تەڭپۇڭلۇقى ۋە مىقدارىنىڭ يېتەرلىك، سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن يىللىق «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.
مەنبە: پىچان ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، پىراكتىكانت مۇخبىر ئۆركەش ئابلىز