تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئەڭ ياخشى تاغلىق مەنزىل ناراتتا

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر چىن جىنلى): 1-ئاينىڭ 20-كۈنى، 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو مەدەنىيەت، ساياھەت چوڭ ئىستېمال يىللىق ئۇچرىشىش يىغىنى ۋە «لوڭچۆ مۇكاپاتى»نى تارقىتىش مۇراسىمى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭ نارات دۆلەتلىك ساياھەت ئىستىراھەت رايونى «2020-يىللىق ئەڭ ياخشى تاغلىق مەنزىلگاھ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىق بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

   «لۇڭچۆ مۇكاپاتى» مەدەنىيەت، ساياھەت كەسپىدە تەسىر كۈچى زور بولغان كەسپىي مۇكاپاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، كۆپ ئۆلكە، شەھەرلەردىكى ساياھەت جەمئىيەتلىرى بىرلىشىپ تەشەببۇس قىلغان، ئاساسلىقى بىر يىلدىكى بۇ ساھە ئىچىدىكى ئىپادىسى كۆزگە كۆرۈنگەن مۇنەۋۋەر ئاپپارات ۋە شەخسلەر تەقدىرلىنىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك «لۇڭچۆ مۇكاپاتى» 2020-يىللىق ئەڭ ياخشى مەدەنىيەت، ساياھەت ئىستېمالىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش شەھىرى، ئەڭ ياخشى چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەمكارلىق ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، ئەڭ ياخشى يېزا-كەنت مەنزىلىنى گۈللەندۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، ئەڭ ياخشى دېڭىز ئارىلى مەنزىلى ئىستىراھەت ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، ئەڭ مۇنەۋۋەر تاغ مەنزىلى ئىمكەنىيەتلىك سىجىللىق بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قاتارلىق يىللىق قىزىق نۇقتىلار مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، بۇنىڭغا 26 تۈر تەسىس قىلىنغان.

شىنجاڭ نارات دۆلەتلىك ساياھەت ئىستىراھەت رايونى. (سۈرەتنى نارات ساياھەت مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تەمىنلىگەن)

   مۇخبىرنىڭ نارات ساياھەت مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، نارات دۆلەتلىك ساياھەت ئىستىراھەت رايونىنىڭ بۇ قېتىم «ئەڭ ياخشى تاغلىق مەنزىلگاھ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىق بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى»غا ئېرىشىشى ئەنئەنىۋى سەيلە-ساياھەت ئاساسىدا، ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش، كېچىلىك ساياھەت، كۈتۈنۈش قاتارلىق يېڭىچە تەرەققىيات تۈرلىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنىڭ ئۆستۈرگەنلىكىدىن بولغان.

   «نارات دۆلەتلىك ساياھەت ئىستىراھەت رايونىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى ئاساسلىقى، ئەنئەنىۋى سەيلە-ساياھەت تىپىدىكى مەنزىرە رايونىدىن زامانىۋى ساياھەت ئىستىراھەت تىپىدىكى مەنزىرە رايونىغا ئۆزگىرىش جەريانىدا ئىپادىلىنىدۇ.» نارات ساياھەت مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تىجارەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى چې خۇانىڭ ئېيتىشىچە، 2018-يىلىدىن باشلاپ، نارات مەنزىرە رايونى ساياھەت تۈرى، ساياھەت ئەسلىھەلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىستىراھەت تىپىدىكى مەنزىرە رايونىغا ھالقىغان. يېمەك-ئىچمەك، ياتاق، سەپەر، ساياھەت، سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ئامىللارنى چۆرىدەپ، ساياھەت نۇقتىلىرى، يول قاتنىشى، مېھمانخانا، ئاشخانا، كۆڭۈل ئېچىش، ئىستىراھەت قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرگەن. 2020-يىلى، نارات مەنزىرە رايونى مايتاغ-كۇچا تاشيولى مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇلۇشى، ئەقلىي مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش، ئاممىۋى تازىلىق ئۆيى قۇرۇلۇشى، ئات قوشۇنى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ئۆستۈرۈش، ساياھەتچىلەر ئارام ئېلىش رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تاماملىغان.

   ئىككى يىلدىن بۇيان، ئارام ئېلىش رايونى مەدەنىيەتنى قېزىش ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ چۆكۈش شەكلىدىكى ساياھەتنى ھېس قىلىشى جەھەتتە نۇقتىلىق كۈچ سەرپ قىلدى. مول ساياھەت تۈرلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، ۋېلىسىپىت مىنىش، ئېگىزگە يامىشىش، سۇ ئۈستىدە لەيلەش، تىك ئۇچار ئايروپىلاندا ساياھەت قىلىش، مىللىي ئۆرپ-ئادەت ئائىلە زىيارىتى قىلىش، چەۋەندازلىق ماھارىتى كۆرسىتىش، ساياھەت تويلۇق سۈرەتچىلىكى قاتارلىق كۆپ خىل ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى، شۇنداقلا «ناراتنى قوغداش» ناملىق چوڭ تىپتىكى ھەقىقىي مەنزىرە ئويۇنى، «ناراتنى ئۇچرىتىش» مۇزىكىلىق قاۋاقخانا رايونى، ئۇيسۇن قەدىمىي قەبىلىسى قونالغۇسى، گۈلخان كېچىلىكى، يۇلتۇزلۇق دالىدا قونۇش قاتارلىق ساياھەت ئۇسۇللىرى ساياھەتچىلەرنىڭ كېچىلىك ساياھەت، كۈتۈنۈشكە بولغان ئېھتىياجىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.

شىنجاڭ نارات دۆلەتلىك ساياھەت ئىستىراھەت رايونى. (سۈرەتنى نارات ساياھەت مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى