تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنى ئاياللارغا «گۈزەللىك كەسپى»نى ئېچىپ بەردى

  ئانار بۇلۇت: كەلپىن ناھىيەسى كەلپىن بازىرى بەخت مەھەللىسىدىكى مودا ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنىغا كىرگەندە، دۇكان ئىگىسى دىلئارا غەيرەت بىر نەچچە شاگىرتى بىلەن ئالدىراش ئىدى. پاكىز ۋە رەتلىك سافا، يېپيېڭى گىرىم ئورۇندۇقى، گىرىم ئەينىكى ۋە ھەر خىل ماركىدىكى گىرىم بۇيۇملىرى ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنىنىڭ بارلىقى ئىدى. مۇخبىر سۆھبەت جەريانىدا، دىلئارا غەيرەتنىڭ كەلپىن ناھىيەسىنىڭ يىراق-يېقىنغا داڭلىق ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش ئۇستىسى ئىكەنلىكىنى ئىگىلىدى.

  دىلئارا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھەر بىر مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، يەنە تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنىنى تەشۋىق قىلدى. بۇ جەرياندا، ئۇ سەھەر تۇرۇپ كەچ يېتىپ، تەرەپ-تەرەپكە چېپىپ يۈردى، بارا-بارا دىلئارانىڭ كامالەتكە يەتكەن تېخنىكىسى، قىزغىن پوزىتسىيەسى خېرىدارلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، سودىسى بارغانسېرى قىزىپ كەتتى.

  دىلئارا ئىزچىل مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالمىدى، ھازىر ئۇ سەككىز شاگىرت قوبۇل قىلدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دىلئاراغا ئوخشاش ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈككەن ئائىلە ئاياللىرى ئىدى. كۆپچىلىك بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى مۇستەھكەملىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىگىلىك تىكلەش تەجرىبىلىرىنى توپلاپ، كەلگۈسىگە تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن تەلپۈندى. ئالىيە ئىسمائىل كەلپىن ناھىيەسى گەزلىك بازىرى تۆۋەن باغلىق كەنتىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ، ئۇ 2018-يىلىدىن باشلاپ كەلپىن ناھىيەسىدىكى مودا ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنىدا ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈشنى ئۆگىنىپ، ھەر ئايدا مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدى.

  ئالىيە ئىسمائىل مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە ھۈنەر ئۆگىنىۋاتقىنىمغا بىر يىلدىن ئاشتى، بۇ بىر يىلدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم. ھازىر مۇقىم كىرىمىم ئىككى مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە مۇكاپات پۇلى بار. مەن ھازىرقى تۇرمۇشۇمدىن ئىنتايىن رازى، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ، مۇشۇ ساھەدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمەن».

مەنبە: كەلپىن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، مۇخبىر دىلاۋۇر

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى