تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 9000دىن ئارتۇق قىيىنچىلىقى بار ئائىلە بايراملىق سوۋغاتلارنى تاپشۇرۇۋالىدۇ

شىنجاڭ تورى خەۋىرى (مۇخبىر شې لىشا): چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 9000دىن ئارتۇق قىيىنچىلىقى بار ئائىلە ئارقا-ئارقىدىن بايراملىق سوۋغاتلارنى تاپشۇرۇۋالىدۇ.

1-ئاينىڭ 20-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى چاغانلىق ھال سوراشنى قانات يايدۇرۇپ، چاغانلىق سوۋغاتلارنى شەھەر-يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئائىلىلەر، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى گىرۋىكىدىكى ئاھالىلەر، يېزىلاردىكى بەشتە كاپالەتلىك ئائىلىلەر ۋە باشقا ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلۈپ بېرىدىكەن.

بايراملىق سوۋغاتلارنىڭ ئىچىدە گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، كالا-قوي گۆشى قاتارلىق 450 يۈەن قىممىتىدىكى بۇيۇملار بار. شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى جەمئىيەت قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى يۈ جىيوۋ مۇنداق دېدى: ھەر يىلى چاغاندىن بۇرۇن ھال سوراش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ، ئۇلار ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەرنىڭ خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىغا تايىنىپ، ھەرقايسى مەھەللىنىڭ خەلق ئىشلىرى مەخسۇس كادىرلىرىنى تەشكىللەپ، ھال سوراش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار بىرمۇ ئائىلە، بىرمۇ كىشىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ھەر قايسى رايون، ناھىيەلەر ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، شەھەر-يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى گىرۋىكىدىكى ئاھالىلەر، يېزىلاردىكى بەشتە كاپالەتلىك ئائىلىلەر ۋە باشقا ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەردىن ئومۇميۈزلۈك ھال سورايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قىيىنچىلىقى بار ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، ئاممىنىڭ دەۋا تەلىپىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇش، داۋالىنىش، ئىسسىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىدۇ.

ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مېڭ چىڭخەي مۇنداق دېدى: ھازىر قىيىنچىلىقى بار ئاممىدىن ھال سورايدىغان چاغانلىق سوۋغاتلار تەييارلىنىپ بولدى، ئۇلار مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى تارقىتىلىپ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى مۇھىم، چوڭ بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تۈزۈمىگە ئاساسەن، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا غەمخورلۇق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنىدە تەۋەلىك رايوندىكى 600دىن ئارتۇق تۆۋەن كاپالەتلىك قىيىنچىلىقى بار ئائىلىگە ھال سوراش پۇلى تارقىتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قەلبىنى ئىللىتىدۇ.

«ئانار بۇلۇت» تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى