تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

«غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى»غا ۋارىسلىق قىلغۇچى ھېيت ئىمىن شاگىرت قوبۇل قىلىپ، ماھارەت ئۆگىتىپ، ھاياتىنى قالتىس ئۆتكۈزدى

ھېيت ئىمىننىڭ ئۆيىگە ھەرخىل چالغۇلار ئېسىلغان بولۇپ، چالغۇ «مۇزېي»غا ئوخشايتتى.

شىنخۇا تورى  رۇستەم فوتوسى

شىنخۇا تورى، ئۈرۈمچى، 1-ئاينىڭ 20-كۈنى تېلېگراممىسى (رۇستەم): توقسۇ ناھىيەسىنىڭ جاي كەنتى «جۇڭگو شىنجاڭ ئەل ئىچى قولدا چالغۇ ياساش 1-كەنتى» دەپ تەرىپلىنىدۇ، كەنتتىكى ئۈچتىن بىر قىسىم كىشى چالغۇ ياساشنى ئاساس قىلىدۇ، بۇ كەنتنىڭ نەچچە يۈز يىللىق چالغۇ ياساش تارىخى بار. بۇ يىل 68 ياشقا كىرگەن ھېيت ئىمىن جەمەتىدىكى 5-ئەۋلاد چالغۇ ياساش ۋارىسى، شۇنداقلا دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋارىسى بولۇپ، كەنتتە ئۇنى تونۇمايدىغانلار يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، ھويلىغا چالغۇ ياسايدىغان ياغاچ ماتېرىياللىرى دۆۋىلەنگەن، دەسلەپكى پىششىقلانغان تاختاي تۈرلەر بويىچە رەتلىك تىزىلغانىدى.

ھېيت ئىمىننىڭ ئۆيى چالغۇ «مۇزېي»غا ئوخشاش بولۇپ، ئۆي ئىچىگە ھەر خىل تىپتىكى دۇتار، غېجەك، راۋاب قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى چالغۇلىرى ئېسىلغانىدى. «مەن 15 يېشىمدا ئاتا-ئانامدىن مىللىي چالغۇلارنى قانداق چېلىش ۋە ياساشنى ئۆگەندىم، بۇ يىل مەن چالغۇ ياساش بىلەن شۇغۇللانغان 47-يىل» دېدى ھېيت ئىمىن. ھازىر ئۇ شۇ جايدىكى ھەتتا شىنجاڭدىكى داڭلىق چالغۇ ئۇستىسى بولۇپ قالدى.

1976 ـ يىلى يازدا، بىر قېتىملىق كۈتۈلمىگەن ھادىسە سەۋەبىدىن، ھېيت ئىمىن مېيىپ بولۇپ قېلىپ، ھازىرغىچە ئوڭ قولىنى نورمال تۈزلىيەلمەي، ئۇنىڭ چالغۇ ياسىشىغا ناھايىتى زور قىيىنچىلىق تۇغدۇردى. «كۈتۈلمىگەن ئىش يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، مەيلى قانداق سورۇن بولسۇن، كەنتتىكىلەر مېنى كۆپچىلىككە بىر نەچچە مۇزىكا چېلىپ بېرىشكە چاقىراتتى. بىراق، مېيىپ بولغاندىن كېيىن، مەن بىر مۇزىكىنى تولۇق چالالمايمەن، ياخشى بىر چالغۇ ياساشتىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ، بىر مەزگىل چۈشكۈنلىشىپ كەتتىم» دېدى ھېيت ئىمىن.

لېكىن بۇ كەسىپنى قىزغىن سۆيگەچكە، ھېيت ئىمىن بۇنىڭلىق بىلەن ۋاز كەچمىدى. ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىلھام بېرىشى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا، ئۇ قايتىدىن روھلىنىپ، ئۈچ يىلدىن كۆپرەك تىرىشىش ئارقىلىق، تۈزلىيەلمەيدىغان ئوڭ قولىغا تەدرىجىي كۆنۈپ قالدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ ياسىغان چالغۇلارنىڭ بوغۇمى توغرا، ئاۋازى يېقىملىق، شەكلى چىرايلىق بولۇپ، بازاردا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. تەدرىجىي ھالدا، ھېيت ئىمىن ساھە ئىچىدىكى داڭلىق «چالغۇ ئۇستىسى» بولۇپ قالدى.

2008 ـ يىلى ھېيت ئىمىن ئوڭ پۇتى مېيىپ ھەم تۇرمۇشى نامرات تۇرسۇن مەمەتنى تاسادىپىي ئۇچرىتىپ قالدى. «ئۇنى تۇنجى قېتىم كۆرۈپلا، ئۆزۈمنىڭ ياش چاغلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم، ئۇنىڭغا بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشىم كېرەك ئىدى، شۇڭا ئۇنى شاگىرتلىققا قوبۇل قىلدىم» دېدى ھېيت ئىمىن. ھېيت ئىمىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مېيىپ ھەم ئائىلىسى نامرات ئالتە ياشنى شاگىرتلىققا قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا چالغۇ ياساشنى ئۆگەتتى.

نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ھېيت ئىمىن 200دىن ئارتۇق شاگىرت يېتەكلەپ، نامرات ئائىلىلەردىن كەلگەن يېزا ياشلىرى چالغۇ ياساش، رېمونت قىلىش، چېلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتتى.

خىزمەت ئىشخانىسىدا، ھېيت ئىمىن شاگىرتلىرىغا «دەرس ئۆتمەكتە».

شىنخۇا تورى  رۇستەم فوتوسى

ھېيت ئىمىننىڭ شاگىرتى تۇرسۇن مەمەت دۇكاندا چالغۇ ياسىماقتا.

شىنخۇا تورى  چىمەنگۈل فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى