تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

【مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش】 پارنىكتا ئىتتىپاقلىق مېھرى يەتكۈزۈش

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر رېن چۈنخۇا خەۋىرى): «مەخمۇت ئاكا، ھازىر قىشتا تېمپېراتۇرا تۆۋەن، كۆكتاتلارنى ئىمكانقەدەر ئاز سۇغىرىش كېرەك، ئەگەر ئۇسسىغۇدەك بولسا ئازراق-ئازدىن سۇغىرىش كېرەك، سۇ بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، يەرنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، بۇ كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىسىز. يەنە چوقۇم پارنىكنىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ نەملىكنى چىقىرىۋېتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك...» 1-ئاينىڭ 7-كۈنى، توقسۇ ناھىيەسى ئىچئېرىق بازىرى قاراتاش كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى چېن دېجۇڭ قوشنىسى مەخمۇت قۇربان ئائىلىسىنىڭ پارنىكىغا كېلىپ، تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى.

بۇ يىل 69 ياشقا كىرگەن چېن دېجۇڭ كەنتتە 60 نەچچە يىل تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا، ئەتراپتىكى ئۇيغۇر كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ كەتكەنىدى. «كىچىك ۋاقتىمدا ھەممىمىز بىللە ئوينايتتۇق، كىمنىڭ ئۆيىدە تاماق بالدۇر پىشسا، شۇ ئۆيگە كىرىپ تاماق يەپ چىقاتتۇق. بۇرۇنلاردا پارنىك يوق ئىدى، ئاق يەرگە بەسەي، لوبو تۈرىدىكى كۆكتاتلارنى تېرىساق، ياخشى باھادا سېتىلمايتتى، ئۆيدە قىيىنچىلىق بولسا، قوشنىلار ئۆزئارا ياردەم بېرىشەتتۇق».

2000-يىلى، چېن دېجۇڭ ئۆز يېرىدە كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرۈپ كۆكتات تېرىشقا باشلىدى، ئەتراپتىكى قوشنىلار كۆكتات تېرىماقچى بولسىلا، ئۇلارغا كۆكتات مايسىسى سوۋغا قىلدى. كېيىن، كەنتتە كۆكتات تېرىيدىغان كەنت ئاھالىلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن چېن دېجۇڭنى ئىزدەپ كۆكتات تېرىقچىلىقى تېخنىكىسى ئۆگىنىدىغان كەنت ئاھالىلىرىمۇ جىقلىدى، ئۇ ھەممىسىگە سەۋرچانلىق بىلەن ئۆگەتتى.

2007-يىلى، ئىچئېرىق بازىرى كەنتتە 20 پارنىك ياسىدى، چېن دېجۇڭ بىرىنچى بولۇپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ ھۆددىگە ئالدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «پارنىكتا پەسىلسىز كۆكتات تېرىغىلى بولىدۇ، باھاسى پەسىللىك كۆكتاتنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى، كەنت ئاھالىلىرى پارنىكتا كۆكتات تېرىشقا بەك قىزىقىدۇ، لېكىن تېخنىكا بىلمەيدۇ، شۇڭلاشقا مەن ئۇلارنى باشلاپ بىللە ئىشلىدىم».

«ئائىلىمىز ئىلگىرى ئاساسلىقى كۆممىقوناق، بۇغداي تېرىيتتى، ئون مو يەردىن بىر يىلدا 15 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلاتتىم، كېيىن چېن دېجۇڭدىن كۆكتات تېرىشنى ئۆگىنىپ، بەش مو يەردىن 20 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلدىم، ئىككىنچى يىلى ئون مو يەرنىڭ ھەممىسىگە كۆكتات تېرىپ، 60 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلدىم، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى». 77 ياشلىق مەخمۇت قۇربان خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: دەسلەپتە كۆكتات تېرىشقا باشلىغاندا، مايسا يېتىشتۈرۈش، سۇغىرىش، كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشنىمۇ بىلمەيتتىم، مەسىلىگە يولۇققاندا چېن دېجۇڭنى ئىزدىدىم، ئۇ ھەر قېتىم سەۋرچانلىق بىلەن ئۆگىتىپ قويدى.

چېن دېجۇڭنىڭ يېتەكلىشى ۋە ياردىمىدە، كەنتتىكى كۆپ ساندىكى كەنت ئاھالىسى پارنىكتا كۆكتات تېرىشقا باشلىدى، ھازىر ئۇنىڭ 200دىن ئارتۇق شاگىرتى بار. چېن دېجۇڭ ئۇيغۇر تىلىنى ناھايىتى راۋان سۆزلەيدىغان بولغاچقا، يۇرتداشلار بىلەن توسالغۇسىز پىكىر ئالماشتۇرالايتتى، كەنتتىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر پارنىك كۆكتاتچىلىقىغا تايىنىپ بېيىدى، قاراتاش كەنتىمۇ شۇ جايدىكى يىراق-يېقىنغا داڭلىق «كۆكتات كەنتى»گە ئايلاندى.

بۈگۈنكى كۈندە، قاراتاش كەنتىدە 280 كۆكتات پارنىكى بار بولدى، قاتار-قاتار زىچ تۇتاشقان پارنىكلار كەنتكە گۈزەل مەنزىرە ئاتا قىلدى، بۇ پارنىكلار دېھقانلارنىڭ «بېيىش پارنىكى»غا ئايلاندى.

ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەنتتىكى تەرەققىياتى بىر قەدەر تېز بولغاچقا، ئىچئېرىق بازىرى قاراتاش كەنتىگە تېخنىكا يېتەكچىسى ئەۋەتتى. قاراتاش كەنتىنىڭ پەن-تېخنىكا مۇئاۋىن مۇدىرى لى گاڭ مۇنداق دېدى: «يېقىنقى ئىككى يىلدا، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى، دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق ئاكتىپلىقىمۇ بارغانسېرى ئاشتى، ئىقتىسادىي قىممىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېرىشنى سىناق قىلىشقا باشلىدى، چېن دېجۇڭغا ئوخشاش دېھقان تېخنىكلار ناھايىتى ياخشى باشلامچىلىق رولىنى ئوينىدى».

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى