تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى: مودا ھەم قولاي خوگو ماتېرىياللىرى تاللا بازىرى ئاستا-ئاستا جانلاندى

1-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى دۇڭچۈەن يولىغا جايلاشقان «ئاستا پىشۇرۇلىدىغان بەخت خوگوسى، كاۋاپ ماتېرىياللىرى تاللا بازىرى»دا شەھەر ئاھالىلىرى خوگو ماتېرىياللىرى سېتىۋالماقتا.

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ لىلى فوتوسى

قىشتا ئىسسىق خوگو يېيىش نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن بىر بەخت. دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، خوگو ئىستېمال مەنزىرىسى تەدرىجىي ھالدا تور سىرتىدىكى دۇكاندىن ئۆيدىكى تاماق ئۈستىلىگىچە كېڭىيىپ، ئەنئەنىۋى «دۇكانغا بېرىش» ئەندىزىسىدىن «ئۆيدە ئىستېمال قىلىش» ئەندىزىسىگە تارقاقلاشتۇرۇلدى. بىر كۆزنەكلىك خوگو يېمەكلىك ماتېرىياللىرى تاللا بازىرى ئۈرۈمچىدە جانلىنىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

1-ئاينىڭ 20-كۈنى، مۇخبىر سۈيچۈەن يولى، ياشلار يولى، قەشقەر يولى قاتارلىق يول بۆلەكلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ھەر خىل ئوخشاش بولمىغان ماركىدىكى خوگو يېمەكلىك ماتېرىياللىرى دۇكانلىرىنىڭ بىردىنلا گۈللىنىپ، سودىسىنىڭ تەدرىجىي جانلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى.

بۇ خوگو يېمەكلىك دۇكانلىرى سېتىۋاتقان تاۋارلارنىڭ كۆپىنچىسى خېمىرلىق پىششىق يېمەكلىك، يېرىم تەييار مەھسۇلات، گۆش تۈرىدىكى پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلات، تەم تەڭشىگۈچ قاتارلىق تەييار يېمەكلىك ماتېرىياللىرىدۇر. بۇ يېرىم تەييار مەھسۇلاتلار، گۆش تۈرىدىكى پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ساقلاش، پىشۇرۇش ئۇسۇلى ئاددىي، پىشۇرۇش ۋاقتى قىسقا بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەن.

دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاستىدا، ئاز يىغىلىپ، سىرتقا ئاز چىقىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ «ئۆيىدە ئىستېمال قىلىش» ئېھتىياجى يۇقىرى بولدى، «ئۆيىدە غىزالىنىش» بويىچە مۇلازىمەت قىلىش خوگو يېمەكلىك ماتېرىياللىرى تاللا بازىرى نۇرغۇن ئىستېمالچىلارنىڭ تاللىشى بولۇپ قالدى.

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ لىلى

«ئانار بۇلۇت» تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى