كەررېفور نەنخۇ دۇكىنىنىڭ خىزمەتچىلىرى بىر قېتىملىق پەلەيلەرنى تىزماقتا.
كەررېفور نەنخۇ دۇكىنىنىڭ خىزمەتچىلىرى يېڭى خام مەھسۇلاتلار پوكىيىدىكى جىڭنى سۈرتۈپ دېزىنفېكسىيەلىمەكتە. (مۇخبىر لياڭ شۇفاڭ فوتوسى)
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى شياۋچىڭ، لياڭ شۇفاڭ خەۋىرى): تاللا بازىرى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال قىلىش، مال سېتىۋېلىشتىكى ئاساسلىق سورۇنى. 1-ئاينىڭ 20-كۈنى، مۇخبىر كەررېفور نەنخۇ دۇكىنى، خۇارۈن ۋەنجيا تاللا بازىرى ئارشاڭ شەرقىي يولى دۇكىنى قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلىپ، چاغاننىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ھەرقايسى چوڭ تاللا بازارلىرىنىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىستېمالچىلارنى بىر قېتىملىق پەلەي، ماسكا قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇچراشماي توردا ئۆيگىچە يەتكۈزۈش ۋە دۇكانغا بېرىپ ئۆزى ئېلىۋېلىش قاتارلىق خەلققە قولايلىق مۇلازىمەتلەرنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرغانلىقىنى بايقىدى.
«چاغاندىن بۇرۇنقى سېتىۋېلىش يۇقىرى پەللىسىگە قارىتا، بىز مال مەنبەسىنى ئالدىن تولۇق تەييارلىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىستېمالچىلارنىڭ توردا مال سېتىۋېلىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۈچىنچى تەرەپ تېز يەتكۈزۈش شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئادەتتىكى زاكاز تالونىنى شۇ كۈنىلا يەتكۈزۈپ بېرىمىز، خېرىدارلار دۇكانغا بېرىپ ئۆزى ئېلىۋالسىمۇ بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ھەم كۆپچىلىكنىڭ مال سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ ھەم كىشىلەرنىڭ توپلىشىشىنى ئازايتىقىلى بولىدۇ» دېدى خۇارۈن ۋەنجيا تاللا بازىرى ئارشاڭ شەرقىي يولى دۇكىنىنىڭ باش دىرېكتورى گو يۇڭ، «چاغاننىڭ يېقىنلىشىپ كېلىشىگە قارىتا، بىز جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈپ، خېرىدارلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ، قىستاڭچىلىقتىن ساقلىنىمىز ھەم <بىر مېتىر ئالاقە ئارىلىقى> تەسىس قىلىپ، خېرىدارلارنى ئۆچرەتتە تۇرۇپ پۇل تۆلەش، ھېسابات قىلغاندا بىخەتەر ئارىلىق ساقلاشنى ئەسكەرتىپ، خادىملارنىڭ ئۇچرىشىشىنى ئازايتىمىز.»