تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

چىن قەلب بىلەن چىن ھېسسىيات ئالماشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق گۈللىرىنى پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇش

  ئانار بۇلۇت: پوسكام ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ كادىرى چېڭ جيې سەيلى يېزىسى قوزىمال كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى پاتىمە بىلەن تۇغقانلاشقان ئۈچ يىلدىن بۇيان، چىن قەلب بىلەن چىن ھېسسىيات ئالماشتۇرۇپ، چوڭقۇر ئاچا-سىڭىللىق مېھرى ئورناتتى. «پاتىمە بىلەن مەن 2017-يىلى 7-ئايدا تۇققانلاشتى، بىز تونۇشۇپ، ياخشى تۇغقان، ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق. مەيلى خىزمەت ياكى تۇرمۇش، بالىلارنىڭ ئۆگىنىشى جەھەتتە بولسۇن، قىيىنچىلىق بولسىلا، مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئۇنىڭغا ھەل قىلىپ بېرىمەن، ئۇنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى چېڭ جيې.

  پاتىمە ئائىلىسىدە ئادەم كۆپ، يېرى ئاز بولۇپ، تۇرمۇشى بىر قەدەر جاپالىق ئىدى. بۇ ئۈچ يىلدىن بۇيان، چېڭ جيې پاتىمەگە ھەر تەرەپلىمە كۆڭۈل بۆلۈپ، بىر-بىرى بىلەن بولغان ئارىلىقىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، ھېسسىياتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. «چېڭ جيې ھەر قېتىم بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ، قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ، بىز خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىمىز، مەن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى پاتىمە.

  پاتىمەنىڭ تۇرمۇش يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، چېن جيې تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئۇنىڭ سەيلى يېزىسى قوزىمال كەنتىدىكى شىندىڭ كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بېرىپ ئىشلىشىگە ياردەم بەردى ھەم دائىم زاۋۇتقا كېلىپ يوقلاپ، پاتىمەنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

  چېڭ جيې مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى دوستۇمنىڭ مۇقىم خىزمىتى يوق ئىدى، ئۇ پارچە-پۇرات ئىشلارنى قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى، بالىلىرىغىمۇ قاراپ بولالمايتتى. كېيىن مەن ئۇنى شۇ كەنتتىكى چىلان زاۋۇتىغا كېلىپ ئىشلەشكە تونۇشتۇردۇم، ھازىر كىرىمى بىر قەدەر مۇقىم، ھەر ئايدا 2500 يۈەن ئەتراپىدا مائاش ئالىدۇ، ئۇنىڭ كۈنلىرىممۇ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، مەنمۇ بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال».

  چېن جيې بىلەن پاتىمە ئاچا-سىڭىل ئىككىيلەن چىن ھېسسىيات بىلەن ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئىتتىپاقلىق گۈللىرىنى چىن قەلبى بىلەن سۇغىرىپ، ئاچا-سىڭىللارنىڭ چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتىنى نامايان قىلدى.

مەنبە: پوسكام ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، مۇخبىر مىن يەن

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى