تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

توقسۇ ناھىيەسى: كىچىك تاۋۇز كىرگۈزۈپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر دېڭ لىجۈەن ئىختىيارىي مۇخبىر سىدىق خەۋىرى): 1-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسى ئىچئېرىق بازىرى ئويباغ كەنتىدە، قەھرىتان سوغۇق ھاۋا رايى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغىنى ئىشچىلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ پارنىك سالغان قىزغىن، قايناق كۆرۈنۈش بولدى.

2020-يىلى، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى − شەندۇڭ ۋېيفاڭگوپەي يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ گوپەي تاۋۇز تېرىش تۈرى ئەمەلىيلىشىپ، جەمئىي 260 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە پارنىك قۇرۇلۇشىغا 248 مىليون يۈەن، يانداش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىندى، 262 تاۋۇز پارنىك قۇرۇلۇشىغا پىلانلانغان يەر كۆلىمى 2332 مو بولۇپ، ھازىر 72سى تاماملاندى، بۇ يىل 8-ئايدا پۈتۈنلەي پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۆلچەرلەندى.

شەندۇڭ ۋېيفاڭگوپەي يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى شىڭ شىلېي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ شىركەتنىڭ تېرىقچىلىق بازىسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان، ئاساسلىقى شەندۇڭ، ئىچكى موڭغۇل، شىنجاڭ قاتارلىق بەش چوڭ بىۋاسىتە قاراشلىق بازىنى ئاساس قىلىدۇ، خەينەن، شېنياڭ قاتارلىق جايلاردا يەنە ھەمكارلىق بازىسى بار، ھەرقايسى جايلار تېرىقچىلىق ۋاقىت پەرقىنى ياخشى قىلىپ، بىر يىل 360 نەچچە كۈندە بازاردا گوپەي تاۋۇزى سېتىۋېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. توقسۇ ناھىيەسىدە تېرىلغان تاۋۇزلارنىڭ بازارغا سېلىنىش ۋاقتى ھەر يىلى 3-، 4-ئايلاردا بولىدۇ.

ئويباغ كەنتىدىكى دېھقان قۇربان روزى مۇنداق دېدى: مەن بۇ يەردە ئىشلەپ ئېيىغا 4500 يۈەن ئەتراپىدا مائاش ئالىمەن، مەن ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ پۇل تېپىپ، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى