تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭ پىچان: ساياھەتچىلەر قۇمتاغ قۇملۇقىدا مۇز مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندى

  ساياھەتچى پىرقىرىغۇچ ئوينىماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئابلەت ئابلىمىت فوتوسى): قىش پەسلىدە، تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسى قۇمتاغ قۇملۇق مەنزىرە رايونىدىكى قۇم كۆلى تەبىئىي مۇز مەيدانىغا ئايلاندى، نۇرغۇن ساياھەتچى مەنزىرە رايونىغا كېلىپ مۇز ئۈستى كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنىڭ لەززىتىنى ھېس قىلدى.

  قېلىن مۇز ئۈستىدە، ساياھەتچىلەر پىرقىرىغۇچ ئوينىدى،  مۇز ئۈستى ۋېلىسىپىتى مىندى، قىش پەسلىدىكى قۇملۇقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپ، كۆڭۈللۈك دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىنى ئۆتكۈزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى