شىنخۇا تورى خەۋىرى: بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يەنچىڭ مۇسابىقە رايونى ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش ۋە روللۇق چانا، چانا مۇسابىقىسى تۈرى ئۆتكۈزۈلىدىغان جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن، «تاغ ئورمىنىدىكى مەيدان-ساراي، ئېكولوگىيەلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى»دىن ئىبارەت لايىھەلەش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇسابىقە رايونىدىكى دۆلەت ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش مەركىزى، دۆلەت روللۇق چانا، چانا مەركىزىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۇسابىقە مەيدان-سارىينىڭ سېھرىي كۈچىنى دەسلەپكى قەدەمدە نامايان قىلدى، بۇ جاي جۇڭگونىڭ تاغ-سۇ مەدەنىيىتى بىلەن قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەدەنىيىتىنى بىرلەشتۈرۈشتىكى مۇكەممەل ۋاسىتىگە ئايلىنىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ چېنلىن فوتوسى