سۈرەتتە، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرى بىرلىكتە ئاپتوموبىل توختىتىش سىزىقىنى بېكىتمەكتە. (سۈرەتنى زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى تەمىنلىگەن)
شىنجاڭ تورى خەۋىرى (مۇخبىر گو جۈنگې): سودا-ساراي، تاللا بازارلىرى، يېمەك-ئىچمەك دۇكىنىنىڭ يېنىدا يېڭىدىن ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى كۆپەيتىلدى، ئاپتوموبىل توختاتقاندا مەخسۇس ئادەم يېتەكچىلىك قىلىدۇ، يول ئېغىزىدا يەنە دائىم مەدەنىي قاتناش يېتەكچىلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ...
بۇ مەزگىلدە، ئۈرۈمچى ناھىيەسىگە ئوينىغىلى بارغان نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى بۇ يەردە يېڭى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى بايقىدى.
«دۇكان يېنىدا ماشىنا توختىتىش ئورنى بار بولدى، ماشىنا توختاتقىلى بولغاندىن كېيىن سودىمۇ ياخشىلاندى.» 1-ئاينىڭ 19-كۈنى، شۇيشىگوۋ بازىرى شىشۈي مەھەللىسىدە، ئەمدىلا دۇكانغا كىرگەن ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنى بەلگە، بەلگە سىزىقى بويىچە ئاپتوموبىلنى ياخشى توختىتىشقا يېتەكلىگەن دۇكان ئىگىسى يەن لۇڭشەن مۇنداق دېدى: ھازىر ئاپتوموبىللارنىڭ تەرتىپلىك توختىتىلىشى قېلىپلاشتۇرۇلدى، يەنە دائىم قىزىل جىلىتكە كىيگەن پىدائىيلارنىڭ ئاپتوموبىللارنى يېتەكلەۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
شىشۈي مەھەللىسىنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ياڭ شياۋتىڭ مۇنداق دېدى: دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، نەنسەن قار-مۇز ساياھىتىنىڭ سىجىل ئەۋج ئېلىشىغا ئەگىشىپ، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مىقدارى تەدرىجىي كۆپەيدى، مەھەللە سودا ساراي، تاللا بازارلىرى، يېمەك-ئىچمەك دۇكىنى ئەتراپىدا ئاپتوموبىللارنى قالايمىقان توختىتىش، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى قىس بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر بارغانسېرى كۆرۈنەرلىك بولدى. خىزمەت ئەترىتى مەھەللىلەر بىلەن بىرلىشىپ زىيارەت قىلىپ رەتكە تۇرغۇزغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىل توختىتىش لىنىيەسىنى مۇۋاپىق پىلانلاپ، تەرتىپلىك ئاپتوموبىل توختىتىش بوشلۇقىنى كۆپەيتتى.
«بىز يېتەكلىگۈچى خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپتوموبىللارنىڭ تەرتىپلىك توختىتىلىشىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا يېتەكلىدۇق ھەم پىدائىيلارنى مەدەنىي قاتناش يېتەكچىلىرى ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، قائىدىگە خىلاپ توختىتىش، خالىغانچە يول ئۆزگەرتىش، پىيادىلەرگە يول بەرمەسلىك قاتارلىق مەدەنىيەتسىز قىلمىشلارنى ۋاقتىدا توسۇپ، يول قاتناش مۇھىتىنى ياخشىلىدۇق» دېدى ياڭ شياۋتىڭ.
ئوخشاشلا بەنفاڭگۇ بازىرىدىكى ھەرقايسى كەنت (مەھەللە)لەرمۇ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى تەسىس قىلىپ، ئاپتوموبىل ئورنىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كېڭەيتتى.
« ماشىنا توختىتىش سىزىقى سىزىشقا ماس كەلمەيدىغان كوچا يولىدا، بىزمۇ ۋاقىتلىق توختىتىش كۆرسەتمە تاختىسى ئورنىتىپ، ۋاقىتلىق توختىتىشقا رۇخسەت قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 48 نەپەر مەدەنىي قاتناش يېتەكچىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى كەنتلەرنىڭ غول يول ئېغىزلىرىدا قاتناش مەدەنىيلىكىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، مەدەنىي ئاپتوموبىل توختىتىش، مەدەنىي قاتناش كەيپىياتى ياراتتۇق.» دېدى بەنفاڭگۇ بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ ۋېيگو.
«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى