شىنخۇا تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار يۈ كۈنمىڭ، گو جيې، جاڭ گاۋجيې، سۈن چى خەۋىرى): قىش كۈنلىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قورغاس شەھىرى يىچىگاشەن شىۋە يېزىسىدا، قىرغاۋۇللار ئورمانلىقتا موكىدەك قاتناپ، ئوزۇق ئىزدەپ، قارلىق دالىلارغا نۇرغۇن خۇشاللىق ئاتا قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قورغاس شەھىرى ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداپ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ كۆپىيىپ ماكانلىشىشىنى ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بىلەن تەمىنلىدى.
مەنبە: قورغاس شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى