تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدىكى كۆپلىگەن تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرى چاغان مەزگىلىدە نورمال تىجارەت قىلىدۇ

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ يەنخۇڭ خەۋىرى): چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى توردىن چاغانلىق مال سېتىۋېلىشقا باشلىدى. 1-ئاينىڭ 19-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى پوچتا، تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرىدىن ئىگىلىشىچە، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، چاغان مەزگىلىدە نۇرغۇن كارخانا يوللانمىلارنى نورمال قوبۇل قىلالايدىكەن.

«چاغان مەزگىلىدە نورمال تىجارەت قىلىمىز، تېز يوللانمىلارنى نورمال يەتكۈزگىلى بولىدۇ.» دېدى شىنجاڭ شۈنفېڭ تېز توشۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاممىۋى ئىشلار باش نازارەتچىسى لى شوۋگو.

جىڭدۇڭ گۇرۇھىنىڭ غەربىي شىمال رايونى ئاممىۋى ئىشلار باش نازارەتچىسى مۇيەسسەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، چاغان مەزگىلىدە جىڭدۇڭ تېز يوللانمىلىرى ئۈرۈمچىدە نورمال يەتكۈزۈلۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش تەدبىرلىرى قاتتىق ئىجرا قىلىنىدىكەن، ئۈرۈمچىدىكى 60قا يېقىن نۇقتىدىكى 1700دىن ئارتۇق خىزمەتچىنىڭ ھەممىسى خىزمەت ئورنىدا بولىدىكەن، تېز يەتكۈزۈش خادىملىرىنىڭ ھەممىسى خىزمەت ئورنىدا چاغان ئۆتكۈزىدىكەن، «ئۈرۈمچىدىن باشقا شەھەرلەردىكى تور نۇقتىلىرى چاغاننىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە ئارام ئالىدۇ، چاغاننىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ نورمال تىجارەت قىلىدۇ».

مۇخبىرنىڭ جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو پوچتىسى يىل بويى دەم ئالمايدىكەن، بۇ شىركەت ئىشچى-خىزمەتچىلەر، پوچتا توشۇش ئاپتوموبىللىرى، ئىشلەپچىقىرىش مەيدانلىرى شۇنداقلا پوچتا يوللانمىلىرى قاتارلىقلارغا قارىتا قاتتىق بولغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە دېزىنفېكسىيەلەش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، خادىم، ئاپتوموبىل، پوچتا يوللانمىلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، چاغان مەزگىلىدە شەھەر ئاھالىسىنى نورمال يوللانما قوبۇل قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى